باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى پەيشەنبە

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

ناۋا 51-سان پىروگراممىسى

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

جەسەتكە تولغان شەھەر1-8

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ بىلەن باشلان تورىدا سۆھبەت

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-01-01 11:21:56

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشلان تورىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى ئالدى بىلەن باشلان تورى نامىدىن تورداشلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىڭلارغا بەخىت ئامەت تىلەش بىلەن يىڭى يىللىق ئوتلۇق سالام يوللايمىز . يىڭى يىلدا ھەبىر قەدىمىڭلارنىڭ ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتىشىنى ، باشلان تورىدىكى زىيارىتىڭلارنىڭ تىخىمۇ مول مەزمۇنلارغا ئىگە بولىشىنى چىن دىىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇيغۇر سەنئىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىلىرى چارچىغان قەلبىمىزگە مەلھەم بولسا،دىل ئارامىمىزغا ئىلھام بولۇپ ھەممەيلەننىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغا ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا داۋام ئىىتىپ كىلىۋاتىدۇ،مەنىۋى تۇرمۇشىمىزغا ئۆزىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئىزچىل بىزگە ھەمراھ بولۇپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب يارتىپ مەيلى چوڭلار بولسۇن مەيلى كىچىكلەر بولسۇن ھەممەيلەن ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بىر تالانىتلىق تىرىشچان مودا ئىقىم ناخشچىمىز بار .

 

ھاياتلىق دىگەن ھەركەت ، ھاياتلىق دىگەن مىھنەت ، ئىزدىنىشسىز ھاياتلىق بولمايدۇ ، ئۇ ئەنە شۇ ھاياتلىق يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنۋاتقان ، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختىماي تىرىشۋاتقان ، ئوماقلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا ياشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرشىغا ، قوللىشىغا ئىرىشىپ كىلىۋاتقان ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ،

مودا ئىقىم ناخشىچىمىز ئابلاجان مۇزىكا ئىشلەش،  ناخشا ئىيتىش ، ئۇسۇل ئويناشنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن قابىلىيەتلىك ناخشىچى ،  ئۇنىڭ ناخشىلىرىدا مۇھەببەت ، ئالغا ئىلگىرلەش ،  ئىنتىلىش ئاساسى تىما قىلىنغان بولۇپ ، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ ئىزچىل ياخشى كۆرىشىگە ئرىىشىپ كىلىۋاتىدۇ .

بىز بۈگۈنكى پىروگراممىزدا ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ يىڭىدىن بازارغا سىلىنغان ، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدىغان خەنزۇتىلدىكى ‹‹ مەن شۇ ›› ناملىق پىلاستىنكىىسى توغۇرسىدا ئابلاجان ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن باشلان تورىدا سۆھبەت ئىلىپ بارماقچىمىز ، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى زىيارەت فىلىمىدا بولسۇن !

سۈزۈك نۇسخسى

تورداشلارنىڭ زىيارەت فىلىمنى سۈزۈك ئەسلى ھالىتىدە كۆرۈشىنى كۆزدە تۇتۇپ زىيارەت فىلىمى ئىككى خىل شەكىلدە يوللاندى .
تور سۈرئىتىڭىز تىز بولسا سۈزۈك نۇسخىسىنى كۆرۈڭ ، ئەگەر ئاستا بوپ قالسا ئادەتتىكى نۇسخىسىنى كۆرۈڭ !

ئادەتتىكى نۇسخسى

زىيارەت فىلىمدىكى دېۋىيلوڭ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورىنىڭ ئابلاجان توغۇرلۇق سۆزلىگەن سۆزى
رىياسەتچى : رۈي دىرىكتور ياخشىمۇسىز، سىزنىڭ ئابلاجاننىڭ پىلاستىنكىسىغا بولغان كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولساق:

رۈي ئەپەندىم : بولىدۇ
ئابلاجان بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ پىلاستىنكىنى چىقىرىشتا بىز بۇرۇنلا ئويلاشقان. چۈنكى ھەممىمىز بىلىمىز، ئابلاجان شىنجاڭدىكى تونۇلغان مودا ناخشىچى ھەم ئىجادىيەتچى. ئابلاجاندەك بۇنداق مودا ھەم داڭلىق ناخشىچىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىلا نامى چىقىپ ئىچكىرلەرگە ياكى چەتئەللەرگە تونۇلالماسلىقى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. بىز مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئابلاجان بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر پىلاستىنكا چىقىرىش توغرىسىدا ئابلاجان بىلەن پىكىرلەشكەندە، ئۇنىڭمۇ شۇنداق تەرەققى قىلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ بۇ پىلاستىنكىنى چىقاردۇق..چىقىرىشتىن بۇرۇن بىر قانچە ناخشىسىنى ئاۋال تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردۇق. تاماشىبىنلىرىنىڭ ھەم مەستانىلىرىنىڭ بۇ ناخشىلارغا بولغان قوللىشى ياخشى بولغاندىن كېيىن، شۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ ھەم ئۇنىڭغا يەنە ئىچكىرگە تارقىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن بىر قانچە خەنزۇچە ناخشىلارنىمۇ قاتتى ئىچكىردىكىلەرگە ئابلاجاننىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىتىپ قويغاندا ئۇلار ھەيران ىلىشتى.. شىنجاڭدا مۇشۇنداق مودا ناخشىچىمۇ بارمۇ دەپ ھەيران بولۇشتى ۋە كېيىن ئابلاجاننى خەنزۇچە ناخشىلارنى باھالاش مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلدى.  .. .

ئابلاجاننىڭ بۇ قەدىمىنى ئىچكىردىكىلەرگە تونۇتۇشتىكى تۇنجى قەدەم دىيىشكە بولىدۇ، ئىشىنىمەنكى ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئىچكىردىلا ئەمەس بەلكى دۇنياغىمۇ تونۇلىدۇ. چۈنكى ئابلاجان ئۆزى ئىنتايىن كەمتەر ھەم تىرىشچان بىر سەنئەتكار، ئۇنىڭدىن بىر مۇنەۋۋەر سەنئەتكاردا بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە خىسلەتنى تاپقىلى بولىدۇ. كەسپتىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە، ناخشا يىزىش، مۇزىكا ئىشلەش، ئورۇنداش ۋە ئۇسسۇل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بىر قوللۇق قىلىدۇ. بۇ قېتىممۇ بۇ پىلاستىنكىنى چىقارغۇچە كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. تاكى مۇشۇ ئەڭ ياخشى بولدى دىگۈچە ئوڭشىدى ئۆزگەرتتى

بۇ خىل روھى كەسىپكە بىرىلىش روھى بىزنىڭ ئۈگۈنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ

زىيارەت جەريانىدىكى سۈرەتلەر

دېۋىيلوڭ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى رۈي ئەپەندىم

مەمتىمىن ئابدۇجىلىل

رەپ ناخشىچىسى ئەكرەم

باشلان تورى رىياسەتچىسى _ نىگارە بەختىيار

ئىرشات ئەبەي

 

نۇرئەلى ھەسەن

كىچىك ئوماق يۇلتىزىمىز _ شىرىنئاي غۇلامجان

نۇرئەلى نۇردۇن ۋە ئابلىكىم

ئابلاجاننىڭ تور تەشۋىقات ياردەمچىسى - يۈسۈپجان ئادىل ( روھلان )

 

باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号