2014-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 2:00( برازىلىيە ۋاقتى 24-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن5:00) دە، 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى س گۇرۇپپا ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسى گىرىتسىيە بىلەن كوتىدىۋا ئوتتۇرىسىدا ئوينالدى.
ئىككى كوماندا تارىختا بىر قېتىممۇ ئۇچىرىشىپ باقمىغان، بۇ مەيدان مۇسابىقە تۇنجى قېتىملىق ئۇچىرىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئالدىنقى يېرىم مەيداندا سامارس بىر توپ ئۇرۇپ گىرىتسىيە ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى. 74-مىنۇتتا بونى توپ ئۇرۇپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى. ئەڭ ئاخىرىدا 90-مىنۇتتا ساماراس نۇقتا توپ ئۇرۇپ كوتىدىۋانى مەغلۇپ قىلىپ،ئۈچ نومۇرغا ئېرىشىپ گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقىپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم 16 كۈچلۈككە كىردى.
سەككىز كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىدە كوستارىكا بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى:
گىرىتسىيە دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم 16 كۈچلۈككە كىردى.
گىرىتسىيە بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا تۇنجى توپنى كىرگۈزدى. گىرىتسىيە توققۇز مەيدان دۇنيا لوڭقىسىدا، 2010- يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا بىر مەيدان غەلبە قىلغان، سامارىس بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا گىرىتسىيەنىڭ بىردىنبىر توپنى كىرگۈزدى ھەم بۇ گىرىتسىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئۈچىنچى توپى بولدى.
يۇنان رىۋايىتى قايتا بارلىققا كەلدى، گىرىتسىيە 2004- يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولغان، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت بۆلىكىدە نۇقتا توپقا ئېرىشىپ، ساماراس نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ، گىرىتسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا تۇنجى قېتىم 16 كۈچلۈككە كىرىپ قايتىدىن يۇنان رىۋايىتى ياراتتى.
مۇسابىقە باشلىنىپ دەسلەپتە ئىككى تەرەپ ناھايىتى پاسسىپ ئوينىدى، ئىككىلا تەرەپ 10-مىنۇتقىچە ھۇجۇم قىلمىدى.
12-مىنۇتتا گىرىتسىيەنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى كونى يارلىنىپ بالدۇرلا مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى، ئورنىغا سامارىس چىقتى.
15-مىنۇتتا دىروبا كاللا توپ بۇراپ بەردى، گىرىۋېنھو ۋارتار تۈۋرۈكىنى سوقتى.
16-مىنۇتتا گىرىتسىيە يەنە زەربىگە ئۇچىرىدى، قاپقىچى كارنېزىسنىڭ بەل قىسىمى يارلىنىپ مۇسابىقە بىر قانچە مىنۇت توختاپ قالدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئامالسىز مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى، ئورنىغا زاپاس قاپقىچى گىلىكوس چىقتى.
42-مىنۇتتا كوتىدىۋا توپچىسى تىئوت ئارقا مەيدانغا قايتۇرۇپ پاس بېرىشتە خاتالىق سادىر قىلدى، سامارىس توپنى تارتىۋالغاندىن كېيىن ئىككىدە بىر پاس ئويناش ھالىتى شەكىللىنىپ، سامارىس بىلەن ساماراس تېزلىكتە پاس ئويناپ بۆسۈپ كىرىپ توپ ئۇردى. گىرىتسىيە 1-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 74-مىنۇتتا گېرۋىنھو سول تەرەپتىن چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ پاس بەردى، مەيدانغا ئالمىشىپ چىققان بونى ئۈلگۈرۈپ كېلىپ توپ ئۇرۇپ، كوتىدىۋانى نومۇرنى تەڭلەشتۈردى.
90-مىنۇتتا كوتىدىۋا بېكى قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى، باش رېپىر نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلدى، ساماراس نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ، كوتىدىۋانى مەغلۇپ قىلىپ، ئۈچ نومۇرغا ئېرىشىپ گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقتى.