2014-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:00دا، 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى د گۇرۇپپا ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسى مىنىرو رىقابەت مەيدانىدا كوستارىكا بىلەن ئېنگىلاند ئوتتۇرىسىدا ئوينالدى.
ئەڭ ئاخىرىدا قارا تۇلپار كوستارىكا ئېنگىلاند بىلەن تەڭلىشىپ جەمئىي يەتتە نومۇرغا ئېرىشىپ، ھالاكەت گۇرۇپپىسىدا بىر مەيدانمۇ مەغلۇپ بولماي ھالاكەت گۇرۇپپىسىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى.
مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى:
كوستارىكا ھالاكەت گۇرۇپپىسىدا ئىككى مەيدان غەلبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ بىرىنچى بولۇپ گۇرۇپپىدىن چىقتى.
36 ياشلى تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ تۆت كۈن بولغان لەمپارد ئېنگىلاندتىكى 106 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، شېردوننىڭ 40 ياش 292 كۈنلۈك مەيدانغا چىقىش نەتىجىسىدىنلا كېيىن تۇرۇپ، ئېنگىلاندنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىككىنچى پىشقەدەم كاپىتانى بولدى، ئوخشاشلا ئېنگىلاندنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى مەيدانغا چىقىش سانى يەتتىنچى ئەڭ كۆپ توپچى بولدى.
ئېنگىلاند 1988-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىن بۇيان چوڭ مۇسابىقىلەردە گۇرۇپپا مۇسابىقىدە ئۈچ مەيدان تولۇق مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئالدىنقى ئىككى ئايلانما مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ مەيداندا ئۇنداق ئوڭايسىز نەتىجە كېلىپ چىقىشتىن ساقلاندى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئېنگىلاند ئاساسلىق ئەزادىن توققۇز ئادەم ئالماشتۇردى، پەقەت سىتۇرىج ۋە كاھىل ئىككىسىلا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ ئوينىدى. مۇسابىقە باشلىنىپ ئېنگىلاند مەيداننى كونترول قىلىشتا ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما 90-مىنۇتلۇق مۇسابقىدە ئىككىلا تەرەپ توپ كىرگۈزەلمەي 0-0 نەتىجىدە تەڭلىشىپ مۇسابىقە ئاياقلاشتى.