باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چارشەنبە

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

ئىراق ۋەزىيىتى تارىخنىڭ تەكرارلىنىپ قېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالارمۇ؟

مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللانغان ۋاقىت :2014-06-24 21:49:06

【ئىراقتىكى توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ كۈچكە ئىگە بولمىغانلىقى ئايان بولۇشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قايتىدىن ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلىرىنى ئەۋەتىشى بىلەن تارىخىنىڭ قايتىدىن تەكرارلىنىپ قىلىشىدىن كىشىلەر ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 23-ئىيۇن تۇيۇقسىز ئىراقتا زىيارەتتە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەخمىنەن ئامېرىكىنىڭ 300 كىشىلىك ئالاھىدە قىسىمىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەربىي ئىشلاردىن مەسلىھەت بېرىش ئۆمىكى يېقىندا باغداتقا يېتىپ بېرىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق بىخەتەرلىك قىسىمىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى قوللاشتەك جىددىي ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى】

 

ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلاشماقتا. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچ بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلدى ھەمدە باغدادنى ئىگىلەيدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەردى. 23-ئىيۇن، ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەر باغدادنىڭ جەنۇبىغا 95 كىلومېتىر كېلىدىغان بابىلون ئۆلكىسىنىڭ ھاشىم رايونىدا جىنايەتچىلەرنى ئىلىپ كېتىۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلدى، توقۇنۇشدا 71 مەھبۇس ئېتىپ تاشلاندى.
گەرچە ئىراق مالىك ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەرگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئوباما ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراق دائىرىلىرىنى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ دىنى مەزھەپلەرنىڭ توقۇنۇشنى بېسىقتۇرۇپ، كەڭ قۇرساق بولغان سىياسىي تۈزۈلمىنى ئورنىتىشىقا دەۋەت قىلدى.


ئامېرىكا ئەقلى ئىسلات ى ئوتتۇرا شەرق سىياسىي مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى پىننىس بولاك مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلىرىنى ئەۋەتىشنىڭ رول ئوينىشىدا يەنىلا كۆپلىگەن مۇقىمسىزلىقلار بار بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراق بىلەن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش قىلالماسلىقىنى يەنىلا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.


ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرگە ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلىرىنى ئەۋەتىش ئۇسۇلىنى يولغا قويغىنىغا ئۇزاق ۋاقىت بولدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى زۇڭتۇڭ ئىزىنخاۋىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتا، ئامېرىكا – ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىمىنى ۋېيېتنام ئۇرۇشىغا بىۋاسىتە قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، يۈزدىن كۆپرەك ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسىنى ۋېيېتنامنىڭ جەنۇبىي قىسىم ھاكىمىيىتى قىسىمىنىڭ ئەسكەرلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن مەسلىھەت بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئادەم سانى 700 دىن كۆپرەككە يەتكەن ئىدى. 1961-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان كېنىدى ئىزىنخاۋىرنىڭ ۋېيېتنامغا قاراتقان سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قۇرۇقلۇق قىسمىنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرماي، ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتكەن. 1963-يىلى 11-ئايدا كېنىدى قەستكە ئۇچراشدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ۋېيېتنامغا ئەۋەتكەن ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى 16 مىڭغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋېيېتنامغا قاراتقان سىياسىتى بارغانسېرى ھەربىيلىشىپ، ئەڭ ئاخىردا ئامېرىكا ۋېيېتنامدا ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان.


بۇركىنىس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىلگىرىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلىرى ئۆمىكىنى ئەۋەتىشتە تاكتىكا تەتقىقاتى ۋە ئىقتىدار جەھەتتە مەشىق قالدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا بىلەن ئىراق ھۆكۈمەتلىرى تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىش جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ قالالىسا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتىگە پائال تۈردە ياخشى تەييارلىق كۆرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.


بولاك ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن تارىخنىڭ تەكرارلىشىدىن ئەندىشە قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش، ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلىرى ئۆمىكىنى ئەۋەتىش ۋە رەسمىي ئەسكەر چېقىرىشدەك ئۈچ ئىشقا ئادەتلىنىپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلىرىنى ئەۋەتىشىدىن كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى باسقۇچتا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەتتا بىۋاسىتە ئەسكەر چىقىرىشدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى.


نۆۋەتتە، ئامېرىكا پارلامېنتى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراققا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ھەربىر باسقۇچىغا دىققەت قىلماقتا، كۆپلىگەن كىشىلەر ئوبامانىڭ ئىراق مەسىلىسىدە خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بولاك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسىنى ئەۋەتىش بىر ئويۇن بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئوبامانىڭ ئىراققا قاراتقان سىياسىتىگە قاراش كېرەك، بىراق ئوباما تەختكە چىققاندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قاراتقان سىياسىتى ئىزچىل تۈردە ئاپەت ئېلىپ كەلدى. بۇ يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدە ئارقا-ئارقىدىن داۋالغۇش كېلىپ چىقتى. بۇ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە ئوباما تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغاندىن بۇيان، ئۇ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالدى، بۇ يىللاردىن بۇيان ئوباما ئىزچىل تۈردە ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا قايتىش ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئىشلىرىغا سەل قارىغانلىقىنى ئاقلىماقتا.

باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号