باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

جەڭ مەيدانىدىكى ئادىمىيلىك ۋە غورۇر

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-24 17:15:28

:
پېرۇلۇق فوتوگراف Moises Saman ئۇزۇن مۇددەت دۇنيا ھەر قايسى جايلىرىدىكى جەڭ مەيدانلىرىدا يۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ پۈتكۈل زېھنىنى ئەنئەنىۋىي ۋاقىت ئورۇن ئارقىلىق تارىخىي خاتىرىلەشكە قويماستىن بەلكى ئادىمىيلىك ۋە ھېسياتتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىنى چىڭ تۇتۇشقا تىرىشقان. ئۇ ھەربىر جەڭنىڭ شۇ يەرلىك خەلقلەرگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى شۇنداقلا جەڭ مەيدانىدىكى ئادەملەرنىڭ كەيپىيات ئىنچىكە نۇقتىلىرى ۋە ئادىمىيلىك پىسخىكىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرلىگەن.

جەڭ مەيدانلىرىدا ئۆتكۈزگەن ئون نەچچە يىل جەريانىدا Moises Saman رەزىل سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ بىر قاتار ئەسەرلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە ‹گەرچە جەڭ مەيدانىدا بولساقمۇ يەنىلا غورۇر ۋە ئۈمىدنى يوقاتماسلىق كېرەك› دېگەندەك ئىنسانىيەتنىڭ روھىيىتىنىڭ ئورتاق ماھىيىتىنى ئىسپاتلىغان. رەسىمدە بولسا 2003-يىلى 3-ئايدىكى ئىراق، بىر قوراللىق يىگىت قۇم-بوران مەزگىلىدە باغدادقا قاراپ يۈرۈش قىلماقتا.

2003-يىلى 4-ئايدىكى ئىراق باغداد، ئۇرۇش يېڭى باشلىنىش مەزگىلىدە بىر نەپەر ئامېرىكا ھۇجۇمچى ئايروپىلانى كۆلگە ئېتىپ چۈشۈرۋېتىلگەنىدى، ئىراق ئاممىسى ئۇچقۇچىنى ئىزدىمەكتە.

2003-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ئىراق باغداد، قانۇنسىز ماي پونكىتى پارتلاش يۈزبەرگەن پەيتتە بىر نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى يۇقىرى ئاۋازدا كىشىلەرنى تارقاتماقچى بولۇۋاتاتتى.

2004-يىلى 7-ئايدىكى باغداد، بىر ئەر ئەرەب ئېتىنى مەشىقلەندۈرۋاتاتتى.

2005-يىل 2-ئاي، ئىراق موسۇلنىڭ غەربىي رايونىدىكى ساقچىخانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىنكى ھالىتى.

2005-يىلى 3-ئاي، ئافغانىستان جەنۇبىدىكى كەندەھەر شەھىرىنىڭ قۇم-بوران مەزگىلىدە بىر ئوغۇل بالا كۆزىنى ئۇۋىلىماقتا.

2005-يىلى 5-ئاي، بىر ئوغۇل بالا جادېزدىكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە سېلىنغان سابىق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ خارابىسى ئالدىدا ئوينىماقتا.

2008-يىلى 6-ئايدىكى ئىراق، ئامېرىكا برونېۋىكى باغداد رايونىنى چارلاشنى تاماملاپ بازىسىغا قايتماقتا.

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، ھايتىدا بىر جۈپ ئەر-ئايال قول تۇتۇشۇپ يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان پورت-ئوپرېنس شەھەر مەركىزىگە قاراپ ماڭماقتا.

2010-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئافغانىستان خەلق ئارمىيىسى ئەسكىرى ئافغانىستان خېرمون ئۆلكىسىنىڭ مارجا ناھىيىسىدە.

2010-يىلى 3-ئاي، ئافغانىستان كۇنار ئۆلكىسى، Tsunek كەنتىدە تالىبانلارنىڭ ھۇجۇمىدا يارىلانغان ئافغانىستان ئەسكىرىنى سەپدىشى ئامېرىكا داۋالاش تىك ئۇچارىغا ئېلىپ بارماقتا.

2010-يىلى 3-ئاي، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئافغانىستاندىكى بىر تىك ئۇچار قونۇش رايونىدا.

2010-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، كېۋىت خانىم بالىلىرى ۋە چاكىرى بىلەن ھەشەمەتلىك مال سېتىۋېلىش مەركىزىگە قاراپ ماڭماقتا.

2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، باغداد شەھەر رايونىدىكى مەلۇم كوچىدىكى توساق.

باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号