باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

ماي باھاسى بۇ يىلقى تۆتىنچى قېتىملىق ئۆسۈشكە يۈزلىنىۋاتېدۇ

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-24 13:40:33

ماي باھاسى بۇ يىلقى تۆتىنچى قېتىملىق ئۆسۈشنى كۈتىۋالىدۇ

دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى بىر قېتىم تەڭشەلگەندىن بۇيان، ئىراق ۋەزىيتى تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ، بازارنىڭ ئىراق تەمېنلەيدىغان ماينىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا بولغان ئەنسىرىشى تېخىمۇ كۈچەيدى، خەلقئارا ماي باھاسى بۇ مەزگىلدە توختىماي ئۆرلەۋاتىدۇ. بىنلۇنتى خام نېفىت قەرەللىك مىلىدا ئۇدا يەتتە كۈن ئۆسۈش كۆرۈلگەن، تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، جۈمە كۈنى نىيويورك خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسىدا توققۇز ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش رېكورتى كۆرۈلۈپ، ھەر بىر چېلەك نېفىتنىڭ باھاسى 107.26 ئامىرېكا دوللىرىغا چىقتى. بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئانالىز ئورگانلىرى تەييار نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزگېرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، باھانى داۋاملىق ئۆرلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ چىقتى.

جوچۇاڭ مەسلىھەتچىلىكى جۇڭگو يېڭى تور ئېنېرگىيە قانىلىنىغا تەمېنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى بازار باھاسىدىن قارىغاندا ھىسابلاپ چىققان خام نېفىت باھاسى %2.24 ئۆرلىگەن، 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ماي باھاسىنى تەڭشەش ۋەزىيتى تۇراقلىشىپ بولدى، ئالدىنقى نۆۋەتتىكى تەڭشەلمىگەن بۆلەكنى قوشقاندا بۇ قېتىمقى تەڭشەش كۆلىمى ھەر توننىسىغا 150 يۈەنگىچە بولىشى مۇمكىن. ئانالىزچى مېڭ پىڭ جۇڭگو يېڭى تور ئېنېرگىيە قانىلىغا ئىپادە بېلدۈرۈپ:" نۆۋەتتىكى خام نېفىت باھا يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، ماي باھاسى داۋاملىق ئۆسىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىملىق تەييار نېفىت باھاسىمۇ شۇنىڭغا ماسلىشىپ ئۆسىدۇ" دېدى.

لۇڭجۇڭ نېفىت-خېمىيە تورى ئانالىزچىسى شۈ يىڭمۇ ئىپادە بېلدۈردى، يېقىندىن بۇيان ئىراق ۋەزىيىتى يەنىلا بازارنىڭ ئالاھىدە دىققەت نۇقتىسى بولۇپ، سودىگەرلەرنىڭ ئىراق ۋەزىيتىگە بولغان ئەنسىرەش كەيپىياتى ئاجىزلىغىنى يوق، بۇ ماي باھاسىنىڭ ئاساسى نۇقتىسىنى ياخشى بىر يۆلەك بىلەن تەمېنلەيدىكەن. ئوخشاش ۋاقىتتا ئامىرېكا ئىقتىسادىدا يەنىلا مۇقىم ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن بولغاچقا، خەلقئارا ماي باھاسى مۆلچەردە قىسقا مۇددەت ئىچىدە يەنىلا يۇقىرى باھادا ئايلىنىدىكەن. بۇ يۆلەك بىلەن تەييار نېفىتنىڭ باھا تەڭشەش كۆلىمى داۋاملىق يۇقىرلىنىدىكەن.

تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى ئانالىزچىسى لى خۇڭنىڭ قارىشىچە، خەلىقئارا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكى ئاستىلاپ قالغان تەڭشەش كۆلىمىگە قوشۇلۇپ، بۇ قېتىملىق ماي باھاسىنىڭ تەڭشەش كۆلىمى ھەر توننىسىغا 170-180 توننىغىچە ئۆسىدىكەن.

جۇڭگو يېڭى تور ئېنېرگىيە قانىلىنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى تەييار نېفىت ھىلىمۇ ئۈچ قېتىم ئۆسۈپ، تۆت قېتىم تۆۋەنلەشتەك باھا تەڭشەشنى باشتىن كەچۈرگەن. ئەگەر بۇ قېتىم باھا يەنە ئۆرلىسە بۇ يېلقى تۆتىنچى قېتىملىق ئۆسۈش بولۇپ قالىدىكەن.

باھانىڭ ئۆسۈش مۆلچەرى بازارنى ئويغاتتى

جۇڭگو يېڭى تور ئېنېرگىيە قانىلىنىڭ چۈشىنىشىچە، ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە بولغان قەتئىي مۆلچەرنىڭ تەسىرىدە ھالسىزلانغان جۇڭگو تەييار نېفىت بازىرى ئازراق ئويغېنىشقا باشلىغان. مېڭ پىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، باھانىڭ ئۆسۈش مۆلچەرىدە دۆلەت ئىچىدىكى تەييار نېفىت تېرمىنال خىرىدارلىرى ۋە ئوتتۇرىدىكى سودىگەرلەر ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا مۇۋاپىق مىقداردا مال تولۇقلاپ، ئىجتىمائىي ئورگانلاردىكى دىزېل ماينىڭ زاپاس مىقدارى مەلۇم دەرىجىدە ئۆسۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق تىجارەتچى ۋە يەرلىك ماي پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنىڭ زاپاس مىقدارى سەل ئازلىدى. بولۇپمۇ شەندۇڭ يەرلىك نېفىت پىششىقلاپ ئشىلەش زاۋۇتى مال چېقىرىش ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ۋە ئاساسلىق سېتىپ چىقىرىش تىجارىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دېزىل مىيى زاپاس مىقدارى ئازلاشقا باشلىدى.

ئەمما ئېھتىياجىنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبلىك كىچىك دائىرلىك مال تولۇقلاشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن سودىلىشىش مىقدارى يەنىلا تۆۋەنلەشكە باشلىدى. مېڭ پىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە دىزېل مىيىنىڭ تېرمىنال ئىھتىياجى يەنىلا نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، يېقىندىن بۇيانقى بىر قىسىم جايلاردىكى قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە رۇدا، ئاساسى قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ ئىش باشلىشى زەربىگە ئۇچرىغان. بۇنداق ئەھۋالدا ئالدىنقى سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى تەييار نېفىتنىڭ توپ سېتىش بازىرىدا ئاجېزلاش كۆرۈلگەن.

مېڭ پىڭ :" گەرچە دۆلەت ئىچىدە بېنزىن ۋە دىزېل مىيىنىڭ توپ باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلەش ۋەزىيىتىدە تۇرسىمۇ، ئىھتىياج ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن ھالەتتە خېرىدارلارنىڭ "ئۆرلېگەندە سېتىپ، تۆۋەنلىگەندە ساتماسلىق" تەك پىسخىكا ئۈنۈمىنى يوقاتتى" دېدى.
باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号