
«يەر شارى ئاخبارات تورىنىڭ ئۇنۋېرسال خەۋىرى» ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى دوكلاتى، تېلۋېزىيە ئىستانتىسىنىڭ پروگراممىسى « ھىندىستان تالانتلىقلار سەھنىسى»دە تونۇلغان مېيىپ قىز Subhreet گىمناستىكا ترېنېرىYash نىڭ توي تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى، شۇندىن كېيىن بۇ ئىككەيلەن ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى Chandigarh شەھىرىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
Subhreet بولسا ھىندىستاندىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ سېستىراسى، 2009-يىلى قاتناش ۋەقەسىدە بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇسسۇل ئويناش ئارزۇسىدىن قەتئىي ۋاز كەچمىدى. ئۇسسۇل ئويناش ئىشەنچىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن، ئۇ چېنىقىش ئۆيىگە بېرىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىغا كەلدى، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇ گىمناستىكا ترېنېرىYash بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان. گىمناستىكا ترېنېرىYash نىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۇ تەڭپۇڭلۇق سېزىمى ۋە كۈچىنىڭ ھەممىسى ئەسلى ھالىتىگە كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئاستا-ئاستا ھېسىيات پەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلغان.
Yash توي تەكلىپى قويغان ۋاقىتتا Subhreet بىر كىنونى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان ۋاقتى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا چېنىقىش ئۆيىدىكى خىزمىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، Yash تۇيۇقسىز Subhreet نىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ، يانچۇقىدىن بىر دانە ئۈزۈكنى چىقىرىپ Subhreet غا قاراپ ئۆزىگە ياتلىق بولۇشىنى ئېيتتى. Subhreet خوشاللىقىدا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى ۋە مۇنداق دېدى:« ئۇ بىر كۆيۈمچان ئەر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسام مەن ئۆزەمنى مېيىپتەك ھېس قىلمايمەن، ئۇ ماڭا ئەڭ چوڭ ئىشەنچ ۋە كۈچ ئاتا قىلدى.» Yash :« مەن Subhreet نى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشى ئىنتايىن گۈزەل. ئۇنىڭ تۇرمۇشقا تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، شۇڭلاشقا مەن ئۇنىڭ ھالىدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئېلىش قارارىغا كەلدىم.» دېدى
لېكىن ياخشى ئىشنىڭ چاتىقى جىق بولىدۇ، Yash بىرىنچى قېتىم ئاتا-ئانىسىغا Subhreet بىلەن توي قىلىش خىيالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قاتتىق قارشى تۇردى ھەمدە ئۇلار ئۆز ئوغلىنىڭ بىر مېيىپ قىزنى ئەمرىگە ئېلىشىغا ئىشەنمىدى، لېكىن ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ Subhreetنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئۆتۈندى، ئاخىرىسىدا Subhreet ئۆزىنىڭ مۇلايىم ۋە ئەدەپلىكلىكى بىلەن ئۇلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىپ، ئۇلارنى قايىل قىلدى.