باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى قاتىل مەرگەنلەر

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-24 10:14:04



data-cke-saved-src=/uploadfile/article/uploadfile/201406/20140624101442668.jpg

 

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:00دە، گېرمانىيە بىلەن گانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە، كىلوز 69-مىنۇتتا مەيدانغا چىقىپ، 71-مىنۇتتا گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ بۇلۇڭ توپ باشلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، چەكلەنگەن رايوندا كاللا توپ ئۇرۇپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى. بۇ توپ كىلوزنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن 15-توپى بولدى ھەمدە رونالدونىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى توپ كىرگۈزۈش رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى.
قىزىقارلىق يېرى رونالدا 2006-يىلى گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدا 15-توپنى گاناغا ئۇردى. 6-ئاينىڭ 22-كۈنى كىلوز 15-توپىنى برازىلىيەدە يەنە ئوخشاشلا گاناغا ئۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە كۇلۇپتا كىرىستىئانو رونالدو ۋە مېسسى توپ كىرگۈزۈش ماشىنىسى بولۇپ ئۈزلۈكسىز رىكورت ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار دۆلەت كوماندىسىدا نەچچە يىلدا ئاران بىر توپ كىرگۈزدى. مانا بۇ ۋاقىتتا پىشقەدەم توپخۇمارلار تەبئىي ھالدا 98- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا 11 مىنۇتتا قالپاق كىيگەن باتىستۇتانى، باگىئو، ۋىئىيرى، دەننىس بېرگكام، رونالدولارنى ئەسلىشىدۇ.  

 

 




رونالدو تۆت نۆەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ جەمئىي 15 توپ كىرگۈزۈپ، دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى ياراتقان.




رونالدو 1994-يىلى 3-ئايدا، 17 ياش ۋاقتىدا تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىققان، ئەينى ۋاقىتتا برازىلىيە2-1 نەتىجىدە ئارگېنتىنانى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى شانلىق ھاياتى باشلانغان. 1994-يىللىق دۇنيا لوڭقىسسى مۇسابىقىسى چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خەلقئارالىق مۇسابىقە لوڭقىسى، ئەپسۇسلىنارلىقى 1994- يىلى يازدا رونالدو مەيدانغا چىقمىغان.

 



 

1998-يىللىق فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا رونالدو تۆت توپ كىرگۈزگەن.

 


2002-يىللىق ياپونىيە-كورىيە دۇنيا لوڭقىسىدا رونالدو سەككىز توپ كىرگۈزۈپ برازىلىيەنى يىتەكلەپ بەشىنچى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن توپى 12 گە يىتىپ مۇللېرنىڭ ئارقىسىدىلا تۇرغان.

 


2006-يىللىق گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدا برازىلىيە فىرانسىيە تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈچ توپ ئۇرۇپ، دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن توپى 15 كە يىتىپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن بولدى.
 



 

كىلوز كۇلۇبتا ئانچە كۆپ توپ كىرگۈزمىگەن، ئەمما دۇنيا لوڭقىسىدا ھەمىشە دەل ۋاقتىدا پارتىلاپ چىقىپ توپ ئۇرغان. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى ھېسابلىمىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا كىلوز 14 توپ كىرگۈزگەن.
 



2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە قالپاق كىيگەن، ئۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا بەش توپ كىرگۈزگەن.



2006-يىللىق گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى ئۇنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى ۋاقىتلارنىڭ بىرى بولغان، ئۇ جەمئىي بەش توپ كىرگۈزۈپ ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.



2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا، 32 ياشقا كىرىپ قالغان كىلوز بەش مەيدان مۇسابىقىدە تۆت توپ كىرگۈزگەن، ئەپسۇسلىنارلىقى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە يارلىنىپ قاتنىشالمىغان.



 

ئۇ پېلىنىڭ رىكورتىدىن ئېشىپ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىككىنچى مەرگەن مۇللېر بىلەن تەڭلەشكەن، رونالدونىڭ رىكورتى بىلەن پەقەت بىرلا قەدەم قالغان. 2002-يىلى كورىيە-ياپونىيە دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، برازىلىيە گېرمانىيەنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، رونالدو كىلوز بىلەت دوستانە ھالدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن، ئەمما ئۇ بەلكىم سەككىز يىلدىن كېيىن كىلوزنىڭ ئۆزىنىڭ رىكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن.



كىلوز ئەزەلدىن داڭلىق چولپان دەپ قارىلىپ باقمىغان، كۇلۇبتا كىرگۈزگەن توپىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس، شۇڭا نۇرغۇن قېتىم باشقىلار ئۇنىڭ ماھارىتىدىن گۇمانلانغان، نۇرغۇن قېتىم كۇلۇب يۆتكەلگەن. ئەمما ئۇ بۈگۈنكى كۈندە مەيدانغا چىقىپ ئىككى مىنۇتتىن كېيىنلا بىر توپ كىرگۈزۈپ رونالدونىڭ رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى. ئۇنىڭ ئەنە ئاشۇ كاللا توپى ۋە توپ كىرگۈزگەندىن كېيىنكى موللا ئېتىش ھەرىكەتلىرى 2002-يىللىق ياپونىيە-كورىيە دۇنيا لوڭقىسىدا توپخۇمارلارغا قالدۇرغان ئەسلىمە. ئۇ يەنە بىر توپ كىرگۈزەلەمدۇ يوق، قانداقلا بولسۇن ئۇنىڭ ئىسمى دۇنيا لوڭقىسى مەرگەنلەر قاتارىدا ئەڭ ئۈستىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇ دەل كىلوز دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈنلا تۇغۇلغان مەرگەن.
 




 

«جەڭ ئىلاھى» باتىستۇتا ئارگېنتىناغا ۋاكالىتەن ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ جەمئىي ئون توپ كىرگۈزگەن. ئارگېنتىنانىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى بىرىنچى مەرگىنى. ئۇ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى بىردىنبىر ئۇدا ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا قالپاق كىيگەن توپچىئ ئۇ تۇنجى مەيدان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە قالپاق كىيىپ رىكورت ياراتقان، ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەن، دۇنيا لوڭقىسىدىكى نۇقتا توپ كىرگۈزۈشتىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن.



 

باتىستۇتا 1994-يىللىق ئامېرىكا دۇنيا لوڭقىسىدا ، گىرىتسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىپ قالپاق كىيگەن.



 


1998-يىللىق فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا، باتىستوتا بەش توپ كىرگۈزگەن، ئەپسۇسلىنارلىقى ئارگېنتىنا تۆت كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە تەرىپىدىن شاللانغان.



 

2002-يىللىق ياپونىيە-كورىيە دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاىىرقى ئايلانمىسىدا، باتىستۇتا بىر توپ كىرگۈزدى، ئەمما ئارگېنتىنا گۇرۇپپىدىن شاللىنىپ كەتتى، باتىستۇتا كۆز ياشلىرىنى تۆكتى، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇرسىتى مانا مۇشۇنداقلا ئاياقلاشتى.
 

 


ئۇ توپخۇمارلارغا ياش تۆككەن ئۇنتۇلغۇسىز ئاشۇ ئەسلىمىنى قالدۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلاشتى.



باگىئو ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ جەمئىي توققۇز توپ كىرگۈزگەن، ئىتالىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى بىرىنچى مەرگىنى.



 

1990-يىللىق ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسىغا باگىئو تۇنجى قېتىم قاتناشقان. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئىتالىيەدە سىچىلاچى، ۋىئىيرى، دونادونىدەك قاتىل ھۇجۇمچىلار بار ئىدى. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا باگىئو مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ ئوتتۇرا مەيداندا توپ ئالغاندىن كېيىن تۆت ئادەمنى ئالداپ ئۆۈپ ئەڭ ئاخىرىدا قالتىس ماھارەت بىلەن توپ كىرگۈزگەن. بۇ توپ 1990- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ئېسىل كىرگەن توپ بولۇپ باھالانغان ھەمدە دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ئېسىل كىرگەن توپلار قاتارىدا بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.



 

1994-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى باگىئو ئۈچۈن بىر ئاچچىق ئەسلىمە قالدۇردى. ھەل قىلغۇچى مۇسابىقىدە رومارىئو باشچىلىقىدىكى برازىلىيە بىلەن نۇقتا توپ تىپىشتە باگىئو ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىدى. مەيداندا ئۇنىڭ ئاچچىق تۇيغۇلارغا تولغان سىماسى قالدى، ئەنە شۇ سەۋەب ئۇ «مىسكىن شاھزادە» ئاتالدى.




 

1998-يىللىق فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا دىل پىيرودەك يېڭى ياشلارنىڭ چىقىشى بىلەن ئۇ زاپاس ئەزا بولدى، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئىككى مەيداندا ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، جەمئىي توققۇز توپ بىلەن دۇنيا لوڭقىسى مەرگەنلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى
 



 


ئۇنىڭ 94-يىللىق ئامېرىكا دۇنيا لوڭقىسىدىكى نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىگەن ۋاقىتتىكى ئاشۇ سىماسىنى نۇرغۇنلىغان توپخۇمارلار ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ. ئۇ توپخۇمارلارغا ئاچچىق ئەسلىمە قالدۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلاشتى.




ۋىئىيرى باگىئو بىلەن ئوخشاش ئىتالىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى بىرىنچى مەرگىنى، ۋىيئېرى پەقەت ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپلا توققۇز توپ كىرگۈزگەن.



 

1998-يىللىق فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ئىتالىيەنىڭ باش ترېنېرى سەيسار مالدىنى ۋېئىيرىنى فىرانسىيەگە بىرگە ئەكەلگەن، ھۇجۇم سېپىدە ۋېئىيرى، دىل پىيرو ۋە باگىئو بىلەن ماسلاشقان. ۋىئىيرى باش ترېنېرنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بەش مەيداندا بەش توپ كىرگۈزۈپ، 1998- يىللىق فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا كۈمۈش بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.




 

2002-يىللىق ياپونىيە-كورىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ۋىئىيرى تۆت مەيداندا تۆت توپ كىرگۈزگەن. سەككىز كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىدە ۋىئىيرى 18-مىنۇتتا كاللا توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ئەمما ئەنجۈنخۇەننىڭ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا توپ كىرگۈزىشى ۋە باش رېپىرنىڭ يان بېسىپ پۈشتەك چېلىشى بىلەن ۋىئىيرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى سەپىرى ئاياقلاشقان. ۋىئىيرى توققۇز مەيداندا توققۇز توپ كىرگۈزۈپ دۇنيا لوڭقىسى مەرگەنلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان.




قارىماققا شۇنداق كۈچلۈك بولغان ۋىئىيرى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاسان يارىلىنىدۇ، ھەربىر مەيدان مۇسابىقە پەسىلى بىر مەزگىل يادىدار بولۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن 2006-يىلى بىرلەشمىدە يېرىم پەسىللىك مەرگەنلىك شەرىپىگە ئېرىشكەن ۋىئىيرى، ئوخشاشلا يارلىنىش سەۋەبىدىن 2006- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدۇ.





ئۆتۈپ كەتكەن ئون يىلدا ئىتالىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مول ھوسۇللۇق مۇنەۋەر مەرگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2004-يىلى 3-ئايدا ۋېئىيرى پېلى تەرىپىدىن بۈگۈنكى دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى 125 ئەڭ مۇنەۋەر توپچى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
 





ۋىلا ئىسپانىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى بىرىنچى مەرگىنى، ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ سەككىز توپ كىرگۈزگەن.


 



كۆپلىگەن چولپانلارغا ئوخشىمايدىغىنى ۋىلانىڭ بەدىنى ئاجىز ھەم ئۇ تۇنجى توپ تەپكەن كۇلۇپ ب دەرىجىلىك شىخوڭ رىقابەت كوماندىسى، ئەمما ئۇ كېيىن ۋالۇنسىيا كوماندىسىغا قوشۇلۇپ ۋە دۆلەت كوماندىسىغا كىرىپ، 2006- يىللىق گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ رائۇلنىڭ ئورنىنى ئالدى.





2010-يىللىق جەنۇبىي ئافىرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا ھوندۇراس ۋە چىلى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزدى، كېيىن پورتوگالىيە ۋە پاراگۋاي بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا جەمئىي بەش توپ كىرگۈزۈپ، دۇنيا لوڭقىسى كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپى سەككىزگە يىتىپ، دۇنيا لوڭقىسى مەرگەنلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى.
 




ئۇرۇگۋاي كوماندىسىدىكى پىشقەدەم توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ نۆۋەتلىك برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى فورلاننىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى. فورلان دۇنيا لوڭقىسىدا ئالتە توپ كىرگۈزگەن، ئۇ ئۇرۇگۋاينىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى بىرىنچى مەرگىنى.




2002-يىللىق ياپونىيە-كورىيە دۇنيا لوڭقىسىدا، دىياگو فورلان 23 ياش ۋاقتىدا تۇنقى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان، ئۇ نۆۋەتلىكتە فورلان سېنگال بىلەن 3-3 تەڭلەشكەن مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزگەن.



 


2006-يىللىق گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇرۇگۋاي سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ كەتكەن. 2010- يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا فورلان بەش توپ كىرگۈزگەن.

 





ئۇ گوللاندىيە، گېرمانىيە، گانا، جەنۇبىي ئافىرىقا بىلەن بولغان مۇسابىلەردە توپ كىرگۈزۈپ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان ھەمدە دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 
 

 



 

دەننىس بېرگكام  ئاز ساندىكى سەنئەتلىك پۇتبول تېپىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلارنىڭ بىرى، ئۇ گوللاندىيەگە ۋاكالىتەن ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ، جەمئىي ئالتە توپ كىرگۈزگەن، گوللاندىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىلگىرىكى بىرىنچى مەرگىنى. ( بۇ نەتىجىنى بۇ نۆۋەتلىكتە ۋان پېرىس بۇزىۋەتتى).



 

دەننىس بېرگكام تۇنجى قېتىم 1994-يىللىق ئامېرىكا دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان، ئەينى ۋاقىتتا يېڭى بىر ئەۋلاد گوللاندىيە ھۇجۇمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېرگكام تت كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىدە برازىلىيەگە بىر توپ ئۇرىدۇ، ئەمما ئۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ.



 


تۆت يىلدىن كېيىن فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا گوللاندىيەنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد چولپانلىرى باش كۆتىرىپ چىقىدۇ.



بېرگكام تۆت كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىناغا شۇنداق چىرايلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ شاللىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ بۇ توپى دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ئېسىل كىرگەن توپلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالىدۇ.



 


گەرچە بۈگۈنكى كۈندە بېرگكام يېشىل چىملىقتا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قالدۇرغان ئەسلىمىلىرى توپخۇمارلارنىڭ قەلبىدە ساقلىنىقلىق.

باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号