باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

ئامىرېكا پارلامېنتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى: ئالى باباغا مەبلەغ سېلىش "ئىنتايىن خەتەرلىك"

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-24 02:57:16

ئامىرېكا پارلامېنتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى: ئالى باباغا مەبلەغ سېلىش "ئىنتايىن خەتەرلىك"
شىياڭگاڭ سودا گىزىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ئامىرېكا پارلامېنتى يىقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئامىرېكا مەبلەغ سالغۇچىلىرى ئەگەر ئالى باباغا ئوخشاش VIE(ئۆزگىرىشچان پايدا بىرلىكىنى) ئىشلىتىدىغان جۇڭگو ئېنتېرنىت شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالسا "غايەت زور خەتەرگە يۈز كېلىدۇ" دېدى.

VIEتۈزۈلمىلىك كارخانىلارنىڭ پىيىدا خەتەر مەۋجۇت
پېڭبو جەمئىيىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-ئامىرېكا ئىقتىساد ۋە خەتەرنى مۆلچەرلەش كومىتىتى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ VIEتۈزۈلمىلىك كارخانىلارنىڭ پىيىدا خەتەر مەۋجۇت دېيىشنىڭ سەۋەبى بۇنداق تۈزۈلمىدە قۇرۇلغان پاي كونتىرول قىلىدىغان شىركەت بىر يۈرۈش مۇرەككەپ بولغان قانۇنىي توختام ئىشلىتىدۇ دېدى، ئەپسۇسلىنارلىقى بۇنداق توختامدا چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن جۇڭگو شىركىتى باغلىنىشلىق بولۇپ جۇڭگو تەرەپ سوت مەھكىمىسى بۇنداق توختامنى ئىتراپ قىلماسلىق مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى چوڭ ئىكەن.

بەيدۇ ۋە مىكرو بىلوگ قاتارلىق ئېنتېرنىت سودا شىركەتلىرىگە ئەگىشىپ ئالى بابامۇ VIEتۈزۈلمىسىنى قوللىنىپ ئامىرېكىدا پاينى بازارغا سالدى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ئالى بابا ئامىرېكا تارىخىدىكى IPO(تۇنجى قېتىم ئاشكارا پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش)نى بەرپا قىلدى. دوكلاتتا دېيىلىشىچە بۇ شىركەتلەر ئادەتتە كەيمەن ئارىلى قاتارلىق باجتىن كەچۈرۈم قىلىدىغان جايلاردا ئۆزىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تاشقى مەبلەغكە بولغان چەكلىمىلىرىدىن ئەگىپ ئۆتىدىكەن، ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا قانۇننىڭ مۇرەككەپلىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا مەجبۇرلايدىكەن.

دوكلاتتا دېيىشىچە " VIEتۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قانۇنىي توختاملار پەقەت جۇڭگودىلا ئەمىلىيلىشىدىكەن". جۇڭگو ئېنتېرنىت باش شىركەتلىرى ئالى بابا، بەيدۇ، مىكرو بىلوگنىڭ 'جۇڭگودىكى ئامازون'، 'جۇڭگودىكى گوگول'، 'جۇڭگودىكى Twit-er'غا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەھۋالدىن ئازراقمۇ خەۋىرى بولمىغان ئامىرېكا مەبلەغ سالغۇچىلىرى بۇنداق VIEتۈزۈلمىلىك شىركەتلەرنىڭ پېيىنى سېتىۋالسا ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك خەتەر تېخىمۇ چوڭىيىدۇ.

ئامىرېكا تىزلىتىش ئىستىراتېگىيەسىنى قوللۇنۇپ خەتەرنى تۆۋەنلەتتى

ئامىرېكا ئاكسىيە بىرژىسى (SEC)نىڭ ھۆججىتىدىن قارىغاندا بۇ يىل 3-ئايغىچە بولغان بىر مالىيە يىلىدا ئالى بابا VIEتۈزۈلمىسى بەرپا قىلغان تىجارەت كىرىمى پەقەت 6 مىليارد 170 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالى بابا ئومۇمىي تىجارەت كىرىمىنىڭ پەقەت %12نىلا ئىگىلىگەن. ئالى بابانىڭ باياناتچىسى فئلورېنسېشى دوكلاتنى تۈزىتىشنى رەت قىلدى. باھالىغۇچى ئورگان مۇدى مەبلەغ سالغۇچىلار مۇلازىمەت شىركىتى بۇ يىل 5-ئايدا بەيدۇ VIEتۈزۈلمىسىنى تەكشۈرگەندە شۇنى بايقىدى، "بەيدۇ VIEتۈزۈلمىسىنىڭ خەتىرىنى باشقۇرالىشىنىڭ سەۋەبى بەيدۇ قۇرغۇچىسى ۋە يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلارنىڭ VIEتۈزۈلمىسىگە يېقىن ۋە يىراق قىرغاقلاردا غايەت زور پېيى بار ئىكەن". بۇنىڭدىن سىرت مۇدى يەنە بەيدۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم نەخ پۇلى ئاساسەن چېگرا سىرتىدا ساقلاغلىق دېدى.

بەيدۇنىڭ باياناتچىسى گو يىگۇاڭ ئىپادە بىلدۈرۈپ نۆۋەتتە دوكلاتقا قارىتا باھا بىرىلمەيدۇ دېدى.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە VIEتۈزۈلمىسىنىڭ ئىچكى خەتىرى ئاللىقاچان ئالى بابانى ئۆز-ئىچىگە ئالغان جۇڭگو شىركەتلىرى تەرىپىدىن مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئاشكارىلاندى. IPOجەريانىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالى بابا VIEتۈزۈلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشى كېرەك.

جۇڭگو قانۇنى تاشقى مەبلەغ تۇتۇپ تۇرالايدىغان ئېنتېرنىت تىجارىتىنىڭ پاي كۆلىمىنى چەكلىگەنلىك سەۋەبىدىن، VIEتۈزۈلمىسى مۇرەسسە قىلغىلى سالىدىغان لايىھەگە ئايلىنىپ قالدى. سىرتقى مەبلەغ سالغۇچىلار قولىدا تۇتۇپ تۇرالايدىغان تېلېگىرافف ئالاقىسى مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن پايچىكى ئادەتتە %50تىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە ئامىرېكا جۇڭگونىڭ تېزدىن VIEتۈزۈلمىسىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش ئىستىراتېگىيەسى قوللىنىشغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن، مەسىلەن جۇڭگو ئېنتېرنىت تىجارىتىدىكى چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، پۇل-مۇئامىلە ساھەسىنى ئەركىنلەشتۈرۈشى، VIEتۈزۈلمىسىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى تازىلىشى قاتارلىقلار.
باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号