تەتقىقاتقا مەسئۇل خادىم ئامېرىكا دوك ئونۋىرستىتى بىئولوگىيە ئىلىمىنىڭ مۇئاۋىن پىروفسسورى داۋىد شېرۋودنىڭ دېيشىچە تۆۋەن ئوزۇقلۇق ئىستىمالىمۇ ھۈجەيرىنى بىر خىل جىمجىت ھالەتكە ئەكىلەلەيدىكەن، كەلگۈسىدە بىز بىر خىل دورا تېپىپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز ھەمدە ئاچلىقنىڭ ئازابىنى تارتىشقا ھاجەت بولمايمىز.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە يىپچە قۇرۇتنىڭ يېمەكلىك قوبۇل قىلىشنى چەكلىگەندە، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى توختاش باسقۇچىغا كىرىدۇ، گەرچە بۇ خىل جانلىق توختىماسىتىن لۆمۈلدەپ ئوزۇقلۇق ئىزدىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھۈجەيرە ۋە ئەزالىرى يەنىلا جىمجىت ھالەتتە تۇرىدىكەن.
ئوزۇقلۇق ناھايىتى يېتەرلىك ئەھۋالغا كەلگەندە يىپچە قۇرت نورمال ئۆسۈپ يېتىلىدىكەن، ھەمدە ئۆمۈرى بىر ھەسسە ئۇزرايدىكەن. بۇ تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات " ئامېرىكا ئاممىۋىي پەن كۈتۈپخانسى – ئىرسىيەت ئىلىمى " ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى، بايقىلىشىچە يىپچە قۇرت ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق ئاچ ياشيالايدىكەن، ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەنگەن ھامان نورمال ئۆسۈپ يېتىلىش ھالىتىگە كىرىدىكەن.
شېرۋود :« بۇ تۈرلۈك يىپچە قۇرت تەتقىقاتى يوشۇرۇن ھالدا شۇنى ئىپادىلىدىكى يىپچە قۇرت ئاچلىق ھالىتىدە قېرىشنى كېچكتۈرۈپلا قالماي يەنە راكنى داۋالىيالايدۇ، راك تەتقىقاتىدا ئەڭ چوڭ سىر شۇكى ھۈجەيرىلەرنىڭ قانداق قىلىپ بالدۇر ئالمىشىشى ۋە نەچچە يىل يوشۇرنۇپ يەنە قايتا ئويغىنىش مەسلىسىدۇر، مېنىڭ پەرزىمچە بۇ خىل پارازىت قۇرت ئاچلىق ھالەتتە تۇرغاندا ھۈجەيرىلەرنى بوغۇپ قويىدۇ، كېيىن يەنە ئويغىتىدۇ، بۇ ئىنسانلاركى راك ھۈجەيرىسىنى يۆتكەش بىلەن ئوخشاشلىقى بار» دېگەن.
نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلار بىر قاتار گېن تەتقىقاتى قىلىپ، يەنە باشقا بىر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يىپچە قۇرتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشنى توختاش باسقۇچىغا كىرىشنى بايقاش توغرىسىدا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.