باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

يىپەك يولىدىكى ئورتاق ئارزۇ

مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو يوللانغان ۋاقىت :2014-06-23 20:35:36

22-ئىيۇن قاتارنىڭ دوخادا ئۆتكۈزۈلگەن 38-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا جۇڭگونىڭ بۈيۈك قانال تۈرى ۋە جۇڭگو قازاقىستان، قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت ھالقىپ بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلغان يىپەك يولى تۈرى دۇنيا مىراسلىرى ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىس ئالىم قاتارلىقلار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەس بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىپەك يولىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشى دۇنيانىڭ يىپەك يولىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، بۇ مەزكۇر رايوندا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغىنى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. يىپەك يولىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر نەزىرىنى گۈللىنىۋاتقان زامانىۋى يىپەك يولىغا قارىتىدۇ. قىرغىزىستان قابال ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى تابادىيېف مۇخبىرغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىپەك يولىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشى قىرغىزىستان، جۇڭگو، قازاقىستان ئۈچۈن خوش خەۋەر بولدى، بۇ دۇنيانىڭ يىپەك يولىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ۋە يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، بۇ مەزكۇر رايوننىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرۈش، مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغىنى ئورتاق قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، يىپەك يولىنىڭ سودا يولىنى گۈللەندۈرۈشلا ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچلۈك ھاياتى كۈچ قوشتى، قىرغىزىستانمۇ بۇنىڭدىن نەپ ئالىدۇ، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە يىپەك يولىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى گۈللىنىۋاتقان بۇ زامانىۋى يىپەك يولىغا قاراتتى. يىپەك يولىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق خەنزۇشۇناس ۋە تارىخشۇناس خافېيزوۋا ئالەمچە خۇشال بولدى، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تارىختا يىپەك يولى ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، مىللەت ۋە دىن، مەدەنىيەتتىكىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى، مەدەنىيەت ئارىسىدىكى سۆزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەن، بۇنى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق بايلىقى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قازاقىستاندا يىپەك يولى يەنىلا كىشىلەر خاتىرىسىدە ساقلاقلىق، نۇرغۇن كىشىلەر يىپەك يولىنىڭ گېپى چىقسا ھەمىشە ئالدىغا ئۇلۇغ دېگەن سۆزنى قېتىۋالىدۇ، يىپەك يولىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىشى مۇھىم مەدەنىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە، بۇ ئۈچ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بۇ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىدىكى چۈشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى تارىخىي مەنبەدىن بېكىتىش 3 مىليارد كىشىگە نەپ بېرىدىغان رايون ھەمكارلىقى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق. رۇسىيە تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابخاتىن مۇخبىرغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىپەك يولىنىڭ دۇنيا مىراسلىرى مۇندەرىجىسىگە مۇۋەپپىقىيەتلىك كىرگۈزۈلىشى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىقتىسادىي نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ئۇقۇمىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى، ئۇنىڭدا تارىخ، مەدەنىيەت قاتارلىق مەنبەلەردىن يىپەك يولى بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىدىكى بىرىكىش نۇقتىسى يەنىمۇ بېكىتىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ رايونلار ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈش ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، بۇ 3 مىليارد خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان رايون ھەمكارلىق قېلىپى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق. جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى يىپەك يولى دېگەن بۇ ئۇقۇمنى تېخىمۇ رىيال ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى. ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم سودا كارىدورى بولغان يىپەك يولىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىشى مىسىردىكى مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوكتور سالىھ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىپەك يولى تۈرى جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس قىلغان دۇنيا مىراسى، تارىختىكى دوستلۇق ھەمكارلىق يولى دەل مۇشۇنداق شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنى بىر بىرىگە باغلاپ، شانلىق تارىخقا يېڭى مەزمۇن قوشقان ئىدى، مىسىرنىڭ جۇڭگو بىلەن مال ئوبوروتى، ئىقتىساد سودا قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تىرىشىپ، بىر بەلباغ بىر يولنى زامانىۋى يىپەك يولى قىلىپ ھەقىقىي قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مىسىر سۈۋەيىش قانىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خەنزۇشۇناس مۇھەممەد ئەلى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىپەك يولى قەدىمدە جۇڭگونى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم كارىدور بولۇپ، ئۇ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ھەتتا ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق، تەرەققىيات، گۈللىنىش كۆۋرۈكى ئورناتقان ئىدى، يىپەك يولىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىشى بىر جەھەتتىن دۇنيانىڭ يىپەك يولىنىڭ تارىخىي قىممىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号