باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-23 19:16:24

ئالدىنقى ھەپتىدە جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ تېلېگىراف شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ 5-ئايلىق كەسپى تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئابونتلىرى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولغان،جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ۋە جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ كۆچمە ئابونتلىرى سانىنىڭ ئېشىشى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاستىلىغان، بولۇپمۇ جۇڭگو تېلېگىرافىنىڭ ساپ كۆپەيگەن ئابونتلار كۆرسەتكۈچى مەنفىي سان بولغان، يەنى ئابونتلار بۇرۇنقىدىن كېمىيىپ كەتكەن، ئېنىقكى جۇڭگو تېلېگىرافى يېڭى ئابونتلارنىڭ كۆپىيىشى جەھەتتە كىرزىسقا قاراپ يۈزلەنگەن، بۇنداق بولىشى” رىقابەتچىلىرىنىڭ 4G تورىنى يولغا قويغانلىقى ۋە ئۇنى كېڭەيتكەن“لىكى سەۋەبىدىن بولغان بولىشى مۇمكىن.
جۇڭگو تېلېگىرافىنىڭ كۆچمە ئابونىتلىرى كېمەيگەن
ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇيان، ئۈچ چوڭ خەۋارلىشىش شىركىتىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئابونتلىرىدا بۆلۈنۈش كۆرۈلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى ئېغىرلاشقان 5- ئايدىكى ستاستىكا مەلۇماتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 4G تور ئابونتلىرى 5-ئايدا ساپ ئۈچ مىليون 311 مىڭ ئابونت كۆپەيگەن، 3Gتور ئابونتلىرى يېڭىدىن ئۈچ مىليون 431 مىڭ ئابونت كۆپەيگەن. بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ كۆچمە ئابونتلىرى يېڭىدىن ئىككى مىليون 703 مىڭ كۆپەيگەن.جۇڭگو تېلېگىراف شىركىتىنىڭ كۆچمە ئابونتلىرى شۇ ئاي ئىچىدىلا يەنە بىر قېتىم 950مىڭ ئابونت كېمىيىپ كەتكەن.
ئېنىقكى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 3G ۋە 4G تور ئابونتلىرى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىمۇ ھەر ھالدا قەدىر ئەھۋال دىيىشكە بولىدۇ، ئەمما جۇڭگو تېلېگىرافىدا بولسا ئەكسىچە كېمىيىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇدا نەچچە ئاي توختىماي كېمىيىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، بۇنداق ئەھۋال جۇڭگو تېلېگىراف شىركىتى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز.
كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 2Gئابونتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتتى
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئابونتلىرىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، زور دەرىجىدە 2G ئابونتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى 3Gياكى 4Gئابونتلىرىغا ئايلاندۇرغان. سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 4G تور ئابونتلىرىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولغان، 5-ئايدا ساپ كۆپەيگەن ئابونت سانى ئۈچ مىليون 311 مىڭ بولۇپ ،ئومۇمىي ئابونت سانى سەككىز مىليون 109 مىڭغا يەتكەن. 3G تور ئابونتلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل ئاستىلىغان بولۇپ، 5-ئايدا ساپ كۆپەيگەن ئابونت سانى تۆت مىليون 310 مىڭغا يېتىپ،ئومۇمىي ئابونت سانى 236 مىليون 289 مىڭغا يەتكەن،ئەمما كۆچمە ئالاقە ئابونتلىرىنىڭ ساپ كۆپەيگىنى ئىككى مىليون 682 مىڭ بولغان. مۇشۇ نۇقتىدىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ئەسلىدىكى 2G تور ئابونتلىرى توققۇز مىليون كەملەپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسمى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ 3G 4G تورى ئابونتلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى بولىشى مۇمكىن.
بازار ئاللىقاچان تويۇنۇپ قالدى
ناۋادا ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ساپ كۆپەيگەن ئابونتلىرى سانىنى بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، پۈتكۈل خەۋەرلىشىش ساھەسىدە ئېشىش قەدىمىنىڭ ئاستىلىغانلىغىنى بايقايمىز، بۇ تېلېگىراف خەۋەرلىشىش بازىرىنىڭ تويۇنۇش ھالىتىگە بېرىپ قالغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ، ئۈچ چوڭ شىركەتنىڭ 5-ئايدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارايدىغان بولسا تۆت مىليون ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالاليمىز، بۇ سان بەلكى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نىسبەت بولىشى مۇمكىن.
كەسپى زاتلارنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، مەۋھۇم تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ خەۋەرلىشىش بازىرىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن كۆچمە خەۋەرلىشىش بازىرى تېخىمۇ تېز تويىنىش ھالىتىگە كىرىپ قالىدىكەن، شۇڭا ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە ئويلايدىغىنى، خادىملارنى قانداق ئازايتىش، تىجارەت چىقىملىرىنى قانداق تېجەش دىگەندەك مەسىلىلەر ئىكەن. قارىغاندا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ياخشى كۈنلىرىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئوخشايدۇ.





باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号