ئالدىنقى ھەپتە جاستىن.بېيبر بىلەن سېلىنا بىر رېستۇراندا ئۇچراشقان رەسىملىرى ئاشكارىلاندى، بۇ ئىككەيلەن ئايرىلىپ كېتىپ قايتىدىن يارىشىپ قېلىش ئۇيۇنىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قويدى. شۇ كۈنى ئىككىسى ئۇچرىشىپ بىرگە تاماق يىگەندىن كېيىن بىر مەيدان كىنو كۆردى، كىنوخانىدىن چىققان ۋاقىتتا بىر پارچە رەسىمگە چۈشتى. ئۇلارنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە بىر قانچە قوغدىغۇچىلىرى ئۇلارنى قوغداپ كىنوخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى، سېلىنا قولى بىلەن جاستىننىڭ دۈمبىسىنى بىلىنە -بىلىنمەس سىلاپ قويدى.