باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى دۈشەنبە

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

يېڭى بىر ئەۋلاد ئاندىرويىدقا «ئاكتىپلاشتۇرۇشنى قۇلۇپلاش» ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-23 15:25:09

گۇگېل شىركىتى يىقىندا بىر تۈرلۈك بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كېيىنكى قەدەمدە ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى نەشىردىكى ئاندىرويىد سىستېمىسىغا «ئاكتىپلاشتۇرۇشنى قۇلۇپلاش» (بىر كۇنۇپكا بىلەن يانفوننى ئىشلىمەس قىلىپ قويۇش دىگەندەك) ئىقتىدارىنى كىرگۈزمەكچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇندىن ئىلگىرىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىكروسوفىت شىركىتىمۇ ئۆزىنىڭ WP سىستېمىسىغا يۇقارقىغا ئوخشاش ئوغرىلىنىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى قوشىدىكەن.

ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىردىكى iOS سىستېمىسىغا «ئاكتىپلاشتۇرۇش قۇلۇپى» ئىقتىدارىنى قوشۇپلا قالماي، يەنە بىر خىل ئىز قوغلاش دېتالىنىمۇ سەپلىگەن، بۇ خىل دېتال قاچىلانغاندىن كىيىن، ئابونتلار ئەگەر ئايفون ۋە ئايپەدنى «ئەسلىگە قايتۇرماقچى» بولسا، ئۇ ھالدا چوقۇم مەخپىي نۇمۇر كىرگۈزۈش كېرەك ئىكەن. سامسۇڭ شىركىتى بۇ يىل 5-ئايدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان يانفوننى ئوغۇرلىنىشتىن ساقلاش سىستېمىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «قايتىدىن ئاكتىپلاشتۇرۇش قۇلۇپى» دەپ ئىسىم قويغان.
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئوغۇرلىنىش دىلولىرى ئىزچىل كۆپىيىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، «ئاكتىپلاشتۇرۇشنى قۇلۇپلاش» ئىقتىدارى قوشۇلغان يانفونلارنىڭ ئوغۇرلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلىمەكتە. بۇ يىل 5-ئايغىچە ھېسابلىغاندا، نىيۇيورك شەھىرىدىكى ئايفونلارنىڭ ئوغۇرلىنىش نىسبىتى %19 تۆۋەنلىگەن، ئوخشاش مەزگىلدە، سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ ئوغۇرلىنىش نىسبىتى %40 ئاشقان.
بۇ يىل 5-ئايدا، ئامېرىكا كالىفورنىيە پارلامىنتى بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا چوقۇم «ئاكتىپلاشتۇرۇشنى قۇلۇپلاش» ئىقتىدارى قوشۇلۇپ، ئوغۇرلىنىشتىن ساقلىنىشى كىرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يانفونغا بۇ خىل ئىقتىدار قوشۇلغاندىن كېيىن ئوغرىلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدىكەن.
يېڭى بىر ئەۋلاد ئاندىرويىد سىستېمىسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ، بەلكىم، گۇگېل يېڭى نەشىردىكى KitKat سىستېمىسىغا ياكى ئاندىرويىد 5.0 (5.0 Lollipop) گە يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان «ئاكتىپلاشتۇرۇشنى قۇلۇپلاش» ئىقتىدارىنى كىرگۈزۈشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە، گۇگېل شىركىتى ئاندىرويىد ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرغۇچ (Android Device Manager) ئىچىگە بىر تۈرلۈك بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەپ قوشقان بولۇپ، بۇ خىل ئەپ ئابونتلارنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنى تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدىكەن، شۇنداقلا يىراقتىن كونتىرول قىلىش، ئىكرانىغا مەخپىي نومۇر بېكىتىش ۋە يانفوندىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرىۋېتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان ئىكەن. بىراق، ئەگەر باشقىلار بۇ يانفونغا قارىتا «زاۋۇتتىن چىققان ھالىتىگە قايتۇرۇش» مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، يۇقارقى بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئىقتىدارى ئۈنۈمىنى يوقىتىدىكەن.
باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号