
ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشگە ئەگىشىپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»دىن ئىبارەت بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ قەد كۆتۈرۈشى تېزلىشىپ، بازا تەشكىلاتىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىشىغا باشلىدى.
ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان ماۋسۇر بىلەن سادام ھۈسەيىن تۇغۇلغان تىكلىت شەھىرىنى ئىگىلىدى، ئۇندىن باشقا يەنە يول بويىدىكى كۆپلىگەن شەھەر بازارلارنى ئىگىلىدى، ھازىر باغدادغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن ئادەمنى چۆچۈتىدىغان نەتىجىلەر ئىسلام غازات ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتەتتى، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» بۇ مەيدان ھەرىكەتتىن كېيىن بازا تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرىگە ئايلىنىشىنى مۇمكىن.
بۇ قېتىمقى تىكىشىش بىر قانچە يىل پىلانلانغان، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن بازا تەشكىلاتىنىڭ سۈركىلىشى بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى 2013-يىلى 4-ئايدا پارچىلىنىش باسقۇچىغا بېرىپ يەتتى. ئەينى ۋاقىتتا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ رەھبىرى ئابۇ بەكىر باغدادى ئۆزىنىڭ تەشكىلاتىنى سۇرىيەگىچە تەرەققىي قىلدۇردى ھەمدە شۇ يەردىكى بازا تەشكىلاتى شۆبىسى بولغان سۇرىيە خەلقى غازات فرونتىنى ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكى دائىرىسىگە قوشماقچى بولدى، بىراق سۇرىيە خەلق غازاتچىلىرىنى قوللاش فورېنت باغدادىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. بازا تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى زاۋاھىرى بۇ مەيدان تالاش-تارتىشىنى بېسىقتۇرماقچى بولۇپ، سۇرىيە خەلق غازاتچىلىرىنى قوللاش فرونتىنىڭ سۇرىيەدىكى غازاتقا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىراق، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» زاۋاھىرىنىڭ قارارنى قوبۇل قىلىشىنى رەت قىلدى ھەمدە سۇرىيەدە داۋاملىق كېڭەيدى. بىر تەرەپتىن ئۇ سۇرىيەدىكى باشقا توپىلاڭچى تەشكىلاتلارنى بۇي سۇندۇردى، ناھايىتى تېزدىن قارشىلىشىۋاتقان سۇرىيە خەلق غازاتچىلىرىنى قوللاش فرونتى ئەڭ ئاخىردا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە قارشى كۈچى بىلەن بىر تەرەپتە تۇردى.
«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن بازا تەشكىلاتى ۋە سۇرىيە خەلق غازاتچىلىرىنى قوللاش فرونتى ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپ كۈچ دائىرىسىدە ۋە غازات ھەرىكىتىنى كونتروللاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. بۇ تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا يەنە ئېغىر ئىختىلاپ ساقلاندى، بىر قىسىم قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغان ئىسلام شەرىئىتى، شىئە مەزھىپىدىكى پۇقرالارنى قىرغىن قىلىش ۋە بىر تەشكىلاتنىڭ باشقا بارلىق تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ بار يوقلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە، ئۇلارنىڭ پىكىرى بىردەك بولمىدى. بۇ تەشكىلاتلار بارلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى. «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» دائىم ئەسەبىي بولدى ۋە مۇرەسسەلەشمىدى. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇنىڭ ئىراقتا قەدەمدە غەلبە قىلىش بازا تەشكىلاتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا تەشكىلى، ئىستراتېگىيە ۋە ئىدولوگىيە جەھەتتە ئېغىر زەربە بولدى.
ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى نامايان قىلغان كۈچى ئۆزىنىڭ سۇرىيە ۋە باشقا جايلاردىكى بازا تەشكىلاتىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى نامايان قىلىشى مۇمكىن. 1. ھەربىي ئىشلار جەھەتتە بۇ تەشكىلات ئارقا-ئارقىدىن ئۇرۇش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى، ئۇ بانكىدىن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى بۇلاپ، كۆپلىگەن ھەربىي قۇرال جابدۇقلارنى ئولجا ئالدى ھەمدە ئۆزى كونترول قىلىپ تۇرغان جايدىكى تۈرمىلەردىن مىڭلىغان قۇراللىق ئۇنسۇرنى قويۇپ بەردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىراق ۋە سۇرىيەنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. پۇل ۋە ئادەم كۈچى تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى ئىلىپ كەلدى. 2. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ نامىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدىن سىرت، بۇ تېررورچى تەشكىلاتنىڭ ئىراقتىكى شىددەتلىك ھۇجۇمى بازا تەشكىلاتىنىڭ كۈچ دائىرىسىنى تارايتتى. 3. مۇۋەپپەقىيەت قانۇنلۇقنى ئىلىپ كېلىدۇ.
ئۆتكەن بىر يىلدا بازا تەشكىلاتىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق تاكتىكىسىغا قارىغاندا بۇ تەشكىلات ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ قانۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورۇنغان بولسىمۇ، بىراق بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇ ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى چەكلىك بولدى. 4-: سىمۋول خاراكتېرلىك ئەھمىيىتى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئۈچۈن پايدىلىق بولدى. ئىلگىرى، بازا تەشكىلاتى، سۇرىيەدىكى توپىلاڭچى تەشكىلات ۋە سان ساناقسىز غازاتچىلەر باغدادىنىڭ ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن. ئۇ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ھەققى ئىسلام خەلىپىلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دېدى. ھەمدە زېمىننى كونترول قىلىش ئىسلام خەلىپىلىكى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم دېدى. ھازىر، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» كونترول قىلىپ تۇرغان زېمىن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدىن چوڭ بولۇپ كەتتى.