6-ئاينىڭ 21-كۈنى، چېڭدۇدا ھەشەمەتلىك ماشىنا ھەيدىگەن بىر يىگىت سىچۈەن پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ مەكتەپ ھويلىسى ئىچىدە، كۆيۈپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولغان، مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر قىزغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان. بۇ ئەر بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىزنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا مەكتەپ ھويلىسى ئىچىدە ئىچىملىك ساتىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكتىن، نەق مەيدانغا ېبرىپ، بارلىق ئىچىملىكنى سېتىۋېلىپ يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرگەن ۋە ئارقىدىنلا ئەتىرگۈلنى قىزغا سۇنۇپ، ئۇنىڭغا تەلەپ قويغان. سۈرەتتە، بۇ ئەر قىزغا تەلەپ قويغاندىن كېيىن رەت قىلىنىشقا ئۇچرىماقتا.



