باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

مىكروسوفت شىركىتى Windows 9 مەشغۇلات سېستىمىسىغا قارىتا چوڭ تەڭشەش ئېلىپ بارماقچى

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-22 20:24:33

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسىغا بۇلۇت مۇلازىمىتى ۋە زامانىۋى ئابونتلار يۈزلۈكى قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىندا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كومپىيوتېرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى PC كومپىيوتېرلىرىغا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Windows 8 ۋە Windows 8.1 مەشغۇلات سېستىمىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بەلكىم بۇ مىكروسوفت شىركىتى ئۈچۈن چوڭ مەسىلە ھېساپلانماسلىقى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى مىكروسوفت شىركىتىنى خېلى ھودۇقتۇرۇپ قويغان بولۇپ، مىكروسوفت شىركىتى ئۆزىنىڭ كېيىنكى بىر ئەۋلاد مەشغۇلات سېستىمىسى-Windows 9 غا قارىتا چوڭ تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.
ئالدى بىلەن مىكروسوفت شىركىتى Windows 9 مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ سىناق نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلىشىغا قارىتا چوڭ تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ھازىر ھەر بىر خادىم شەخسەن ئۆزى مىكروسوفتنىڭ Windows 9 مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ سىناق ئىشلىتىش نۇسخىسىنى كۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىدىكەن، بۇنداق بولغاندا ھەر بىر قېتىم كۆچۈرۈلگەن Windows 9 مەشغۇلات سېستىمىسى سىناق نۇسخىسىنىڭ ئۇچۇرى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويغۇچى خادىملارنى ناھايىتى ئاسانلا تېپىپ چىققىلى بولىدىكەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، مىكروسوفت شىركىتى Windows 9 مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئەسلىدە بېكىتىلگەن ئېلان قىلىنىش كۈنىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ شىركەت Windows 9 مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈپ، بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ نۇسخىلىرىنى يېڭىلاشنى ئويلىشىۋاتقان. Windows 9 مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ چەكمە ئېكرانلىق نۇسخىسى، كارخانا ئابونتلىرى نۇسخىسى ۋە ئەنئەنىۋى نۇسخىدىن ئىبارەت 3 خىل نۇسخىسى ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئۈچ خىل نۇسخىنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرەپ كارخانا ئابونتلىرى نۇسخىسىدىكى Windows 9 مەشغۇلات سېستىمىسىنى قاتتىق تەلەپ قويۇپ تەكشۈرىدىكەن. شۇڭلاشقا مىكروسوفت شىركىتى ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىدا ( كارخانا ئابونتلىرى نۇسخىسى) جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەكلىگەن بۇلۇت مۇلازىمىتى ۋە زامانىۋى ئابونتلار يۈزلۈكى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى چىقىرىپ تاشلاشنى ئويلاشماقتا.

باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号