يىڭلى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن پۇل كۆيدۈردى: تەمىنلىگەن ياردەم پۇلى 430 مىليون يۈەن
سۈبھىدىن تارتىپ ئەتتىگەن سائەت 7 گىچە نۇرغۇنلىغان پۇتبول ھەۋەسكارلىرى برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ خۇمارىدىن تولۇق چىقتى. تەنھەرىكەتچىلەر مەيداندا پۈتۈن قىزغىنلىقى بىلەن توپ تەپسە، ياندا "جۇڭگو يىڭلى"، "YINGLI SOLAR"نىڭ ئېلانلىرى چىقىپ تۇردى.
بۇ مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ياردەم بەرگۈچىسى خېبىي باۋدىڭدىن كەلگەن بولۇپ، پۈتۈن خەلقئارالىق يورۇقلۇق ۋولتگۇرۇپپىسىنى ئەڭ كۆپ مال بىلەن تەمىنلىگەن كارخانا—يىڭلى يىشىل ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (YGE.NYSE, تۆۋەندە يىڭلى دەپ ئاتايمىز).
دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە مەبلەغ سىلىشنىڭ بىر تەرەپتىن تىجارەت كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار، يەنە بىر تەرەپتىن يىڭلى باش لىدىرى مياۋ لىيەنشېڭ شەخسنىڭ تەنتەربىيەگە بولغان ھەۋىسى سەۋەبىدىن. ئەمما بۇ بەكلا قىممەت بىر مەبلەغ. بۇنىڭدىن بۇرۇن يىڭلى تولۇق ئۈچ يىل زىيان تارتتى، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدىمۇ چوڭ ياخشىلىنىش يوق. نەچچە يۈز مىليونلۇق تەشۋىقات يىڭلىغا نېمە پايدا ئەكىلىدۇ؟
شەخسىي ھەۋەس ۋە تەنتەربىيە تىجارىتى
مياۋ ليەنشېڭ تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ ۋاسكىتبول بىلەن پۇتبولنى، يىڭلى شىركىتى ئىچىدىمۇ ئىككى كوماندا بولۇپ دائىم مۇسابىقىلىشىدۇ.
يىقىندا بىر مياۋ ليەنشېڭغا يىقىنلاشقان يىڭلى شىركىتىنىڭ بۇرۇنقى يۇقىرى قاتلام باشلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە مياۋ ليەنشېڭمۇ شۇ بىر تۇيۇقسىز كەلگەن پۇرسەت سەۋەبلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىغا مەبلەغ سىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، كېيىن بىر باشلاپ ئاخىرىنى يىغىشتۇرالماي قالغان.
2005-يىلى يىڭلى شىركىتى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى تۇرۇشلۇق كەيزېسىلاۋتېڭ توپ مەيدانىنى يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، پاراخوت بىلەن يۆتكىگەن ۋاقىتتا تەيفىڭ بورىنىغا ئۇچراپ، مەھسۇلاتلار بىراقلا دېڭىزغا ئۇچۇپ چۈشۈپ كەتكەن، ئەينى ۋاقىتتا يىڭلى ئارقىدىنلا باشقا مال ئەۋەتىپ، مالنى ئايروپىلاندا يۆتكىگەن. يىڭلىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن توپ مەيدانى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە قويۇلغان ئېلان بىلەن تەمىنلىگەن، بۇ مياۋ ليەنشېڭنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى ئىدى. 2007-يىلى يىڭلى يەنە پۇل چىقىرىپ شجيادىكى ئاۋساسۇنا كوماندىسىغا ياردەم بەرگەن.
2009-يىلىغا كەلگەندە يىڭلىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لى زۇڭۋىي جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېلانىغا دىققەت قىلىپ، مياۋ ليەنشېڭغا بىراقلا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىغا مەبلەغ سىلىش پىكرىنى بەردى، مياۋ ليەنشېڭمۇ خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى.
دەسلەپتە يىڭلى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ياردەم بەرگۈچىلەر تىزىملىكىگە كىرەلمىگەن، ئەمما 2010-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدا باشقا بىر ياردەم بەرگۈچى شىركەت مەبلەغ كىرزىسى تۈپەيلى مەيداندىن چىكىنىپ، يىڭلىغا بىر ئورۇن بوشىتىپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، خەلقئارلىق پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭمۇ يېڭى ئېنېرگىيە ۋە جۇڭگو ماركىسىنى كىرگۈزۈش ئۈمىدى بار ئىدى، بۇ دەل يىڭلىنىڭ ئويلىغىنىدەك ئىش بولغان ئىدى، يىڭلىغا يىقىنلاشقان ئادەمنىڭ بايان قىلىشىچە يىڭلى 2010-يىلى 2-ئايدا خەلقئارالىق پۇتبول بىرلەشمىسى بىلەن كېلىشىمگە ئىمزا قويغان بولۇپ، 20 مەيدان چىنىقىش مەيدانىنى يورۇقلۇق ۋولت باتارىيەسى بىلەن تەمىنلىگەن، ھەمدە بىر قىسىم دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىرىش بىلىتىگە ئېرىشكەن، يىڭلى توپ مەيدانىدىكى تەشۋىقات ئېلانى ۋە تاراتقۇلارنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق بازار تىجارەت ھوقۇقى بىلەن مۇسابىقە مەيدانىدا توپ ھەۋەسكارلىرىغا قۇياش ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى نامايان قىلالايدۇ.
ئەمما نۇرغۇن كىشلەرنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئىيتىشىچە، يىڭلى بۇ مەيدان مەبلەغ سىلىشتا چىقارغان مەبلەغ سوممىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەسكەن، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى توختام ئىمزالىغان ۋاقىت بەكلا كەينىدە بولۇپ، مۇسابىقە باشلاشقا پەقەت يىرىم يىللا قالغان ئىدى. باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا يىڭلى ئەينى ۋاقىتتا ئېرىشكەن ھوقۇق سەل ئاز ئىدى،
«بىرىنچى مالىيە ئىقتىساد گىزىتى»نىڭ خەۋرىدىن قارىغاندا 2014-يىلى برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ياردەم بەرگۈچىلىرى 2010-يىلى قارار قىلىنغان ئىكەن، ئەمما بۇ قېتىم مەبلەغ سوممىسى غايەت زور ئىكەن. گەرچە يىڭلى ئۆزى چىقارغان مەبلەغ سوممىسىنى ئىزچىل ئاشكارىلىماي كەلگەن بولسىمۇ، مۇخبىرىمىزنىڭ پەرەز قىلىشىچە تەخمىنەن 70 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، يەنى 430 مىليون خەلق پۇلى ئەتراپىدا ئىكەن.
دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى پۈتۈن 64 مەيدان مۇسابىقىدە يىڭلىنىڭ ئېلانى ھەر قېتىم ئاز دېگەندە سەككىز مىنۇت ئەتراپىدا قويۇلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سان پاۋلو، برازىلىيە، رئىودې ژانېيرو، نېيلوئاۋلىساڭتې قاتارلىق تۆت شەھەرنى 15 دانە يورۇقلۇق ۋولت توك قاچىلاش ئىسكىلاتى بىلەن تەمىنلەپ، تاراتقۇلار ئۇۋىسى، سودا پائالىيەت مەيدانى قاتارلىق دائىرلەرنى قاپلىدى. بىر نەپەر يىڭلىنىڭ ئىچكى باشقۇرغۇچى خادىمىنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئىيتىپ بىرىشىچە ئۇ يىقىندا ھەرقايسى مۇسابىقە مەيدانلىرىغا بېرىپ يىڭلىنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە قاتناشماقچى ئىكەن.
يوقاتقان ۋە ئېرىشكەننى قانداق ھېسابلايمىز
تاسادىپىي توغرا كىلىپ قالغىنى شۇكى يىڭلى جەنۇبىي ئافرىقا ۋە برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە مەبلەغ سالغاندىن بۇيان تىجارىتى ئىزچىل ياخشى ئەمەس، ئۇدا ئۈچ يىل زىيان تارتىپ كەلدى. غايەت زور مەبلەغ ۋە زىھىن سەرپ قىلغان برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى زادى يىڭلى ئۈچۈن قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، ھىسابلاشمۇ ئانچە ئاسان ئەمەس.
2012-يىلى ۋە 2013-يىلىدا يىڭلىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 11 مىليارد 392 مىليون يۈەن ۋە 13مىليارد 418 مىليون بولغان، تارتقان زىينى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچ مىليارد 64 مىليون ۋە بىر مىليار 944 مىليون يۈەن بولغان. بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت كىرىمى ئىككى مىليارد 787 مىليون بولۇپ، بازار مۆلچەرىدىن تۆۋەن بولغان؛ ساپ زىيىنى 341 مىليون 800مىڭ يۈەن بولغان.
يىڭلى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىن زادى قانچىلىك پايدىغا ئېرىشتى؟
بۇ مەيدان برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدا يىڭلى قايتۇرۇۋالغان مەبلەغنى قانداق ھىسابلىغانلىقىنى ئاشكارلىمىدى. ئەمما 2010-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ۋاقتىدا يىڭلىنىڭ ئاشكارلىشىچە ئۇنىڭدا بىر يۈرۈش تاراتقۇلارنىڭ باھا سىستېمىسى بولۇپ، تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش دەرىجىسى بويىچە كىرىمنى ھېسابلىغان ئىكەن. تاراتقۇلارنىڭ يىڭلىغا ئائىت خەۋىرى 2202 پارچە بولۇپ، "تاراتقۇلارنىڭ دىققەت قىلىش دەرىجىسى" %800 ئۆرلەپ، ئومۇمىي قىممىتى 705 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئۆرلىگەن؛ تور بەتنىڭ ھەر كۈنلۈك زىيارەت ئابونېنتى 20 مىڭدىن ئىشىپ، ئومۇمىي بازار قىممىتى 612 مىليون ئاشقان. مەزكۇر شىركەت پۈتۈن يىلدا سېتىپ چىقارغان 1061 مېگاۋات بىرىكمە دېتال مەھسۇلاتىغا قاراپ ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدا تاپقان پۇلىنى 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى دەپ ھېسابلاپ چىقاردى.
6-ئاينىڭ 13-كۈنى برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان نەچچە كۈن ئىچىدە يىڭلىنىڭ پايچىكى باھاسىدا ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىرىش بولدى، پايچىكى باھاسى 3.13 ئامېرىكا دوللىرىدىن 3.92 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆسۈپ، بازار قىممىتى 124 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، 619 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
ئالدىدا دېيىلگەن مياۋ ليەنشېڭغا يىقىنلاشقان كىشىنىڭ دىيىشىچە ئەمەلىيەتتە جەنۇبىي ئامېرىكا تەرەپنىڭ يورۇقلۇق ۋولتقا بولغان ئېھتىياجى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس بولۇپ، يورۇقلۇق ۋولت كارخانىلىرىنىڭ نىشانلىق بازىرى ئەمەس ئىكەن. يىڭلى چىقارغان ئېلان ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جۇڭگولۇقلارغا كۆرسىتىلگەن. 2014-يىلى بىرىنچى پەسىلنى مىسالغا ئالساق، يىڭلىنىڭ جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا چىقارغان مەھسۇلاتلىرى خەلقئارادا تارقاتقان ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ ئايرىم ئايرىم ھالدا %31، %17، %15تىنى ئىگىلىگەن. ئۇ خەنزۇچە يېزىقتىكى ئېلان بىلەن مۇسابىقە مەيدانىنى يورۇتۇشتىكى سەۋەبىمۇ ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ جۇڭگو شىركىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتىن باشقا يەنە ئويلاشقان ئاساسلىق مەسىلە يەنىلا جۇڭگو بازىرى.
"دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىغا ياردەم بىرىپ پايدىغا ئېرىشكىنى پىيىنى بازارغا سالغان شىركەت يىڭلىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تىجارىتى بولۇپلا قالماي بەلكى يەنە مياۋ ليەنشېڭنىڭ باشقا تىجارەتلىرىمۇ بار، مەسىلەن مېھمانساراي، يىزا-ئىگىلىك، تاشقى سودا، مال-ئەشيا ئوبورتى ۋە توشۇش قاتارلىقلار". ھىلىقى مياۋ ليەنشېڭغا يىقىنلاشقان كىشىنىڭ دىيىشىچە. يىڭلى گۇرۇھىنىڭ ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى تاۋار ئۆي ئىچىش، قۇراشتۇرۇش ئىنژىنىرى، مال-مۈلۈك تىجارىتى، ئۆي-مۈلۈك تۈزۈمى قاتارلىق تىجارەتلەر ئېرىشكەن پايدا ماھىيەتتە كۆرۈنمىسىمۇ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىغا چىققاندىن كىيىن كىشلەر يىڭلىنى تونۇدى.
ئەمما يەنە بەزى يورۇقلۇق ۋولت كەسپىدىكى كىشلەر يىڭلىنىڭ بۇنداق "مەرتلىكى"دىن گۇمانلاندى. ئەگەر يىڭلى نۇرغۇن جۇڭگولۇقلارنىڭ يىڭلىغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلسا جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىغا مەبلەغ سالسا تامامەن بولاتتى، ھېچ بولمىغاندا چوڭ تىپتىكى تالا ئېلانىمۇ يامان ئەمەس تاللاش ئىدى. گەرچە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش بۇنداق چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىنىڭ دىققەتكە ئېرىشىش نىسبىتى چوڭ بولسىمۇ، سېلىنىدىغان مەبلەغمۇ غايەت زور، نۆۋەتتىكىدەك يىڭلىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنىڭ ناچار بولۇشتەك بۇنداق شارائىتتا سالغان مەبلەغكە چۇشلۇق پايدىغا ئېرىشىش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس.