تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىنىڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئادەمسىز ئاپتوموبىل ساھەسىدە شەك-شۈبھىسىزكى گۇگېل يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ شىركەت، لىكىن ئاپتوموبىل ياساش چوڭ دۆلىتى گېرمانىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئادەمسىز ئاپتوموبىل ياساش تېخنىكىسىدىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ. ئەڭ يېڭى دوكلاتتا دېيلىشىچە ئادەمسىز ئاپتوموبىلنىڭ قاتناش ۋەقەسى مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق مەسللەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، گىرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى ھازىر ئاپتوموبىلدا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچۇر، سانلىق-مەلۇماتلارنى خاتىرلەيدىغان ئۈسكۈنىنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ، بۇ خۇددى ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان "قارا قۇتا" غا ئوخشايدىكەن.
بۈگۈنكى كۈندە بىنىز، تۇلپار قاتارلىق گېرمانىيە شىركەتلىرى گۇگېلغا ئوخشاش ئادەمسىز ئاپتوموبىل ۋە يېرىم ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.
ھازىر ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل توختىتىش تېخنىكىسى ئاللىبۇرۇن ئىشلىتىشكە باشلاندى، لېكىن ئادەمسىز ئاپتوموبىل ۋە ئادەمسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش سىستېمىسى نىڭ بازارغا سېلىنىشىدا بىر قاتار ئەدلىيلىك مەسلىلەر مەۋجۇت. مەسىلەن قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلغاندىن كېيىن مەسئۇلىيەتنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار.
گىرمانىيەدىكى بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ قارشىچە ئادەمسىز ئاپتوموبىلغا "قارا قۇتا" ئورۇنلاشتۇرۇلسا، قاتناش ۋەقەسى پەيدا بولغاندا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئاپتوموبىل ياسىغان شىركەت ئوتتۇرسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئايرىشقا ياردىمى بولىدىكەن.
ئاپتوماتىك يول يۈرۈشنى خاتىرلەش ئۈسكۈنىسى نۆۋەتتە گېرمانىيدىكى ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئوتتۇرسىدا قىزغىن تالاش-تارتىشلارنى پەيدا قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم سودىگەرلەر گېرمانىيە ئاپتوموبىل ياساش چوڭ دۆلىتى شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمسىز ئاپتوموبىل ساھەسىدە ئارقىدا قالسا بولمايدۇ ، ئادەمسىز ئاپتوموبىل ئىشلىتىلىش يولىدىكى توسالغۇ بولىۋاتقان سىياسەت ۋە نازارەت جەھەتتىكى پۇتلىكاشاڭلارنى بالدۇرراق بىر تەرەپ قىلشىمىز كىرەك دەپ قارايدىكەن.
سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا 90 پىرسەنىت قاتناش ۋەقەسى ئادەم سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن بولىدىكەن، گېرمانىيە ئاپتوموبىل ياساش شىركىتى ئىنژىنىرى خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەرگەن پەيتتە ئاپتوموبىل ئاپتوماتىك سىستېمىسى جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رولنى ئوينايدۇ، بۇ خۇددى ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە ئۇچقۇچى يەرگە قونىدىغان ۋاقىتتا ئاپتوماتىك يەرگە قونۇش سىستېمىسىنى ئېچۋىتىدۇ، كومپىيۇتىر ئارقىلىق يەرگە قونۇشنى تاماملىغاندا بىخەتەرلىك تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
قاتناش ۋەقەسىدىن كىيىن سۇغۇرتا شىركىتى، ئاپتوموبىل ياساش شىركىتى قاتارلىقلار قاتناش ۋەقەسىنىڭ مەسئۇلىيەت مەسلىسىنى ئېنىقلاش زۆرۈر بولىدۇ، مەسئۇلىيەت زادى ماشىنىدىمۇ،شوپۇردىمۇ ۋە ياكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مەسلىسىمۇ قاتارلىق ئامىللار، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرمۇ ھەرخىل سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تەكشۈرۈشكە ياردىمى بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، مەسىلەن ئاپتوموبىل تىزلىكى، سىنزوردىكى سانلىق مەلۇمات، تېلكامىرا سۈرەتكە ئالغان كۆرۈنمە چاستوتا، شوپۇرنىڭ ھالىتى قاتارلىقلار، بۇ ئۇچۇرلار كەلگۈسىدە سۇغۇرتا شىركىتىگە ياردەملىشىپ مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.
ئادەمسىز ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسىمۇ ئادەتتىكى پۇقرا، ئەگەر ئاپتوماتىك يول يۈرۈش ئۇچۇرلىرى ئاپتوماتىك خاتىرلەنسە، بۇنداق بولغاندا شەخسى مەخپىيەتلىك تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ ئۇچۇرى بەلكىم ئوغۇرلىنىشى مۇمكىن.
گېرمانىيەدە شەخسى مەخپىيەتلىك مەسلىسى ناھايىتى سەزگۈر، چۇنكى ئامېرىكا پېرىزما سەتچىلىكىدە خەۋەر قىلىپ ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىدىكلەرنىڭ ھەتتا گېرمانىيە زوڭلىسى مىركىلنىڭ تېلفون خاتىرىسى ۋە تورغا چىقىش خاتىرىسىگە قارىتامۇ مەخپى تىڭشاش ئېلىپ باردىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، بۇ گېرمانىيە يۇقىرى-تۆۋەن ھەممەيلەننى ناھايىتى ھەيران قالدۇرغان.
گېرمانىيە ئاپتوموبىل ياساش شىركىتى كۆرسىتىپ ئادەمسىز ئاپتوموبىلىغا قارا قۇتا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن خاتىرلەش ئۈسكۈنىسى خاتىرلىگەن ئۇچۇرلارنى قانداق ئىشلىتىش مەسلىسىدە قاتتىق بولغان سىياسەت تۈزىلىپ پۇقرالارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى قوغدىلىدۇ دېدى.
تاراتقۇلارنىڭ ئانالىز قىلىپ قارشىچە، ئاپتوموبىل يۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىشلىتىلشىگە چوك قويۇش، گۇگېلغا ئوخشاش پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئادەمسىز ئاپتوموبىل ساھەسىدە زەربە پەيدا قىلىدۇ، بىلشىمىزچە پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ چوڭ تۈرلىرى سانلىق مەلۇماتلارنى سىتاستىكىلاپ مۇشۇ ئارقىلىق ئادەمسىز ئاپتوموبىل سىستېمىسنى ئەلالاشتۇردىكەن.