باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

ئامېرىكا مەكتەپلىرى نېمىشقا « ئەلىيۇلئەلا » لارغا قىزىقمايدۇ

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-22 00:33:42

1996 -يىلى ئامېرىكا خاۋارد ئونۋېرسىتېتى ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن يوقىرى نومۇر ئۆتكەن 165« ئەلىيۇلئەلا »نى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان . ئېلىمىزنىڭ« ئەلىيۇلئەلا »لىرى ئامېرىكا خاۋارد ئونۋېرسىتېتىدا ئوقۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەندە قوبۇل قىلمىغان ۋە « ئەلىيۇلئەلا »لارنىڭ ھەر قايسى مەۋسۈملەردىكى ئىقتىدارى ياكى ئەقلى قابىلىيىتىگە دائىر سىناق ئىمتىھانلىرىنىڭ نەتىجىسى بىلەن تەمىنلەش ، ئالىم ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ ، « ئەلىيۇلئەلا »لارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۈر ، ئانالىز قىلىش ،ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارىنى باھالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان . گەرچە ئامېرىكا خاۋارد ئونۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغانلار ئارىسىدا « ئەلىيۇلئەلا »لار يوق دېيەرلىك بولسىمۇ ، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەردىن داڭلىق شەخسلەر كۆپ چىققان . ئېلىمىزدىكى بەزى ئالىي مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن يوقىرى نومۇر ئېلىپ ئۆتكەن « ئەلىيۇلئەلا »لارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەردىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر يوق . ئەجەبا بۇ ئېلىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىدە ساقلانغان نۇقسانمىدۇ ؟

ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى باشلانسا ، بەزى ئالىي مەكتەپلەريوقىرى سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشنى يەمچۈك قىلىپ « ئەلىيۇلئەلا »لارنى تالىشىپ قوبۇل قىلىپ ، جايلارنىڭ « ئەلىيۇلئەلا »لارنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرىشىگە ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىدۇ ؛ يەرلىك ھۆكۆمەتلەر« ئەلىيۇلئەلا »لارنى بىر خىل خىزمەت نەتىجىسى ، دەپ قاراپ ، كۈچەپ تەشۋىق قىلىدۇ ؛ ھەر قايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەر« ئەلىيۇلئەلا »لارنى ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلىش ۋە پايدا ئېلىشتىكى " يەمچۈك" قىلىۋالىدۇ ، شۇڭا ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ :" جۇڭگودا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىرەر ئالىي مەكتەپ يوق" دەپ خۇرسىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس .

ئېلىمىز مائارىپى ئىمتىھان مائارىپى بولۇپ ، ئىسلاھ قىلىش تەس ، كونا دەرسلەر كۆپ ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىمۇ مەلۇم نۇقسانلار بار ، شۇڭا ئېلىمىزدە ئالىي مەكتەپلەر « ئەلىيۇلئەلا »لارنى تالىشىپ قوبۇل قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن . ئەگەر ئېلىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا يوقىرى نومۇرغىلا ئېسىلىۋالماي ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئونۋېرسال سىناق نەتىجىسىگە ئاساسەن قوبۇل قىلسا ، ساپا مائارىپى ، ئىجاتچانلىق روھى ، مەسئولىيەت قارىشى ، ئەخلاق - پەزىلىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنىمۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئاساس قىلسا ، كىتابباز « ئەلىيۇلئەلا »لارنى يېتىشتۈرۈپ چىقمىسا ، ئونۋېرسال ساپاسى ياخشى ، ئەتىراپلىق تەرەققى قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلسا ، ھەر قايسى جايلار ۋە ئالىي مەكتەپلەردە « ئەلىيۇلئەلا »لارنى تالىشىپ قوبۇل قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەس بولغىيتتى ؟

16 ياشلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆزلىكىدىن پىدائىي بولۇپ ۋېنچۋەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئاپەتكە ئۇچىرىغانلارنى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ، ئامېرىكا خاۋارد ئونۋېرسىتېتى قاتارلىق توققۇز ئالىي مەكتەپ تالىشىپ قوبۇل قىلغان . ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۈر ، ئانالىز قىلىش ، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاد قىلىش قابىلىيىتى ۋە مەھەللە مۇلازىمەت روھى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ . شۇنداق قىلغاندا ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىلى بولىدۇ .

باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号