
دۆلەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى تۈنۈگۈن توردىكى زوراۋانلىق تېررورلۇق ئۈن، ۋىدىيولىرىنى تۈگىتىش مەخسۇس ھەرىكىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. دۆلەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۇ ۋىي يىغىندا مەركەزنىڭ توردا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەمدە سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى تارماقلار ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، نوپۇزىنى تىكلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىل ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تور مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.
تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، توردىكى زوراۋان تېررورلۇق ئۈن، ۋىدىيولىرى نۆۋەتتە تېررورلۇق دېلوسىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشتىكى مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالغان، پاش قىلىنغان كۇنمىڭ «1-مارت ۋەقەسى»، ئۈرۈمچى «30-ئاپرېل ۋەقەسى»، «22-ماي ۋەقەسى» قاتارلىق كۆپ قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسىدىن قارىغاندا، تېررورچى ئۇنسۇرلار ئىلگىرى زوراۋانلىق تېررورلۇق ئۈن ۋىدىيولىرىنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن، ئەڭ ئاخىرىدا زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسى پەيدا قىلغان. بۇ يىلقى ۋەزىيەت ناھايىتى كەسكىنكەن، «شەرقى تۈركىستان» قاتارلىق بۆلگۈنچى كۈچلەر چەتئەل تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلغان زوراۋانلىق تېررورلۇققا ئائىت ئۈن ۋىدىيولىرىنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا زور دەرىجىدە كۆپەيگەن، داۋاملىق ھەر خىل يوللار ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە كىرمەكتىكەن. بۇ ئۈن ۋىدىيولىرىدا «غازات» قاتارلىق زوراۋانلىق تېررورلۇق، ئەسەبىي دىنى ئىدىيە تارقىتىلغان بولۇپ، ئىغىۋارگەرچىلىكى ناھايىتى كۈچلۈك، زىيىنى ناھايىتى چوڭ ئىكەن.
مەخسۇس ھەرىكەت كەسىپداشلارنىڭ پائال ماسلىشىشىغا ئېرىشتى، 30دىن ئارتۇق نۇقتىلىق ئىنتېرنېت تورى كارخانىسى نەق مەيداندا توردا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەدىنامىسى ئىمزالاپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقى ئادا قىلىپ، توردىكى مەزمۇنلارنى باشقۇرۇشنى ئاڭلىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە تور بېكىتىدىكى زوراۋانلىق تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلىق تازىلايدىغانلىقى، زوراۋانلىققا ئائىت ئۈن ۋىدىيولارنى تارقىتىش يوللىرى بىلەن قەتئىي تەمىنلىمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
بۇنىڭدىن باشقا ئەلئارسىدىكى پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش مەركىزى ئاساسلىق تور بېكەتلىرىدە توردىكى زوراۋانلىق تېررورلۇق ئۈن ۋىدىيولىرىنى پاش قىلىش مەخسۇس رايونى تەسس قىلىدۇ، پاش قىلىش تېلېفونى 12377، پاش قىلغان كىشى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.