باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

جەسەتكە تولغان شەھەر1-8

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

ساقچىلارغا تۇتۇلغان «ساقچىلار»

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-21 12:48:45



جاۋ چىن نېفىتلىكتىكى خىزمىتىنى تاشلاپ، فۇكاڭدىكى مەلۇم شىركەتتە ئامانلىق خادىمى بولۇپ ئىشلىدى، ئۇ دائىم ھاراق ئىچىپ يۈرگەچكە ئىشتىن ھەيدەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىكار تەلەپلەر بىلەن كوچا چىڭداپ يۈردى.
2012-يىلى 25-دېكابىر، جاۋا چىن ياڭ بىن، يەن يەن، جاڭ مىڭ، ۋاڭ خۇا، تاڭ خەي قاتارلىقلار بىلەن مەلۇم شاھماتخانىدا پۇل تىكىپ ماجاڭ ئوينىدى. جاۋ چىن پۇلىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن خىيالغا پاتتى. ئۇ بىر ھازادىن كېيىن ھەمراھلىرىغا:
-ئامال تاپتىم، كۆپ پۇل تاپالايمىز، ياڭ بىن سەن مىنبۇس ھەيدىگىن، فۇكاڭ شەھىرىدىكى ھېلىقى يەرگە بېرىپ قىزلارنى مىنىبۇسقا ئالداپ چىقىرىمىز، ئاندىن مەن ئامانلىق خادىمىلىق گۇۋاھنامەمنى ساقچىلىق كېنىشكىسى، دەپ كۆرسىتىمەن، ئاندىن ئۇلاردىن«جەرىمانە» ئالىمىز، قاندا، بولامدىكەن؟-دېدى.
ئارىدا بىرەيلەن:
-كاللاڭ راستتىنلا ئىشلايدىكەن، شۇنداق قىلايلى ، دېمىسىمۇ ئۇلارمۇ يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ دېلو مەلۇم قىلمايدۇ،-دېدى.
ئۇلار شاھماتخانىدىن چىقتى. بۇ كەچ سائەت 8 بولغان چاغ بولۇپ، تالا قاراڭغۇ ھەم جىمجىت ئىدى. ئۇلار دېيىشكەن جايغا يېقىنلاشتى، يېقىنلا يەردە ئۇچىسىغا پاختىلىق چاپان كىيىپ، نېپىز پايپاق تارتىۋالغان بىر قىزنى كۆردى. جاڭ چىن ياڭ بىنغا ئىشارەت قىلدى. مىنىبۇس قىزنىڭ يېنىدا توختىغاندا جاۋ چىن ئەينەكنى چۈشۈرۈپ، قىزغا:
-ۋاقتىڭىز بارمۇ؟-دېدى. قىز بېشىنى لىڭشىتىپلا مىنىبۇسقا چىقتى. ئۇ مىنىبۇستا ئالتە ئەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي تۇرۇشىغا، جاۋ چىن گۇۋاھنامىسىنى چىقىرىپ قىزغا تېزلا كۆرسىتىۋەتكەندىن كېيىن:
-بىز ساقچى، بۈگۈن چوڭ تازىلاش قىلىپ، سىلەردەك جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغانلارنى تۇتۇۋاتىمىز. سېنى ھازىر ساقچىخانىغا ئاپىرىمىز،-دېدى.
-ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قويۇۋەتسەڭلار، ئەمدى بۇ ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن...
لى لى ئىسىملىك بۇ قىز قورقۇپ مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى. بۇ چاغدا جاۋ چىن:
-يىغلىما، قارىغاندا بۇ يولغا يېڭىدىن كىرگەن ئوخشايسەن، 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلىسەڭ قويۇۋېتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن سېنى بۇ كوچىدا كۆرۈپ قالمايلى،-دېدى.
قىز دەرھال قوشۇلدى ھەم ئۆيىدە پۇل بارلىقىنى ئېيتتى. ياڭ بىن مىنىبۇسنى قىزنىڭ ئۆيى ئالدىغا ھەيدەپ كېلىپ توختاتتى. قىز ئۆيىدىن 10 مىڭ يۈەننى ئاچىقىپ بەردى. جاۋ چىن ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە «تەربىيە» قىلغاندىن كېيىن يولىغا راۋان بولدى.
لى لى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتى:« ئۇلار راست ساقچىمىدۇ؟ قورقۇپ كېتىپ مىنىبۇسنىڭ نومۇرىغا ياكى گۇۋاھنامىسىگە سىنچىلاپ قارىماپتىمەن...» ئۇ شۇ خىياللارنى قىلىپ ئولتۇرغىنىدا دوستى مالىن كىرىپ كەلدى. لى لى ئۇنىڭغا بولغان ئىشنى ئېيتىپ بەردى. مالىن دەرھال:
-ئالدىنىپسەن-دېدى ۋە ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلدى. ساقچىلار لى لى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى.
جاۋ چىن چە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈۋەردى. لى لى بۇلتۇر ماينىڭ بىر كۈنى فۇكاڭدىكى مەلۇم كەچلىك بازاردا جاۋچىننى تونۇپ قالدى ھەمدە ساقچىغا تېلېفۇن بەردى. ساقچىلار دەرھال يېتىپ كېلىپ، جاۋ چىن، يەن يەن، ۋاڭ خۇانى قولغا چۈشۈردى، كېيىن جاڭ مىڭ، تاڭ خەي قاتارلىقلارنىمۇ قولغا چۈشۈردى، بىراق ياڭ بىننى فۇكاڭدىكى ئۆيىدىن تاپالمىدى.
فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇلتۇر 23-سېنتەبىر دېلوغا سوت ئېچىپ، جاۋابكارلارنىڭ قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قاراپ جاۋ چىنغا مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى: يەن يەن، ۋاڭ خۇا قاتارلىقلارغا ئايرىم-ئايرىم مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى: جاڭ مىڭ بىلەن تەڭ خەيگە مۇددەتلىك بىر يىللىقتىن قاماق جازاسى بەردى.
جاۋ چىننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلىغان ياڭ بىن ئۈرۈمچىگە قېچىپ يوشۇرۇنۇپ يۈردى. ئۇ بۇ يىل 27 -يانۋار فۇكاڭغا قايتىپ كەلگىنىدە، ساقچىلارغا تۇتۇلدى.
فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 19- ماي جاۋابكار ياڭ بىننىڭ دېلوسىغا سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى بەردى.(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.
باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号