جاڭ ياچىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن مەلۇم بىر پائالىيەتكە قاتناشقاندا جىكې باغچىسىنىڭ قۇرغۇچىسى جاڭ پېڭ بىلەن سۈنئى ئەقلىي ئىقتىدار توغرىلىق سۆھبەت ئېلىپ بارغان. سۈنئى ئەقلىي ئىقتىدار كۆپ قىرلىق پەن بولۇپ، فىزىكا، ماتىماتىكا، فىزىئولوگىيە، ئېتىكا، كومپىيوتېر قاتارلىق كۆپ خىل ئىلىم تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ مورفولوگىيىسىنى مەشغۇلات قاتلىمى، سېزىش قاتلېمى، بىلىش قاتلىمى قاتارلىق قاتلاملارغا بۆلۈشكە بولىدۇ.
مەشغۇلات قاتلېمى ئەڭ ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان قاتلام بولۇپ، نۆۋەتتە سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كۆپ قىسىم ماشىنا ئادەملەر ئادەملەرنىڭ ئورنىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارماقتا، ھەتتا نۇرغۇن تەرەپلەردە ئىنسانلاردىن ئېشىپ كەتتى؛ ئىككىنچى قاتلام سېزىش قاتلىمى بولۇپ، ئىنسانلار كۆرۈش سەزگۈسى، ئاڭلاش سەزگۈسى، تېگىش سەزگۈسى، پۇراش سەزگۈسى قاتارلىق سېزىش ئۇچۇرلىرىنى ھەرخىل سېنزورلار ئارقىلىق سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ كومپىيوتېرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ ئەڭ قىيىن بولغىنى ئۈچىنچى قاتلام بولۇپ، بۇ قاتلامدا ماشىنا ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى، تەدبىر بەلگىلىشى، ۋە ئىنسانلانىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئالاھىدە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىدۇ.
جاڭ ياچىننىڭ قارىشىچە، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئىنچىكە تۈزۈلىشى ۋە ئىشلەش پىرىنسىپىنى مەڭگۈ بىلەلمەسلىكى، ھەم چوڭ مېڭىنىڭ ھىساپلاش ئۇسۇلىنى دورىيالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش، مۇرەككەپ ھېساپلاشلارنى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئادەملەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.
ئەمما چوڭ مېڭىنىڭ ئۈنۈمىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا كەلگۈسى بەش يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ماشىنىلارنىڭ ئەقلىي قابىليىتى ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئېشىپ كېتىدۇ، كەلگۈسى 20يىلدىن 30يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ماشىنىلارنىڭ ئەقلىي قابىليىتى، ئادەملەرنىڭ بارلىق ئەقىل-پاراسىتىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.
جاڭ ياچىننىڭ ئاشكارىلىشىچە، مىكرو سوفت كۆپ خىل سۈنئى ئىقتىدار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. مەسىلەن كۆپ ۋاستىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدەش تېخنىكىسى، بۇ خىل تېخنىكا ئىشلىتىلگەن ماشىنىلار ئۆز ئىگىسىنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنەلەيدىكەن؛ئۇندىن باشقا يەنە، يېڭى بىر ئەۋلات تەبىئى تىل ۋە تاۋۇش تېخنىكىسى، بۇ تېخنىكىنى باشقا تېخنىكىلار بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، ماشىنىلار ئەڭ ئاخىرىدا ئادەملەرنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان، ئادەملەرنىڭ ئاۋازىنى پەرق ئېتەلەيدىغان ھەم شۇنىڭغا مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرالايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتەلەيدىكەن.
جاڭ ياچىننىڭ يەنەن بىلدۈرۈشىچە، مىكرو سوفت تەتقىق قىلىپ چىققان شاۋبىڭ ۋە Cor tana مىكرو سوفتنىڭ سۈنئى ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقاتى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن باسقۇچ خارەكتىرلىك نەتىجە بولۇپ ھىساپلىنىدىكەن، بۇ تەتقىقات تۈرىدە ھېساپلاش، ئۆگىنىش، نېرۋا تور تېخنىكىسى قاتارلىقلار بىرلەشتۈرۈلگەن .
ئىگەللىنىشىچە، شاۋبىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىدراكى ۋە ئېنتېرنېت تورىدىكى ھەقىقى سۆز ئامبىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى تېخىمۇ قىزىقارلىق تەسىرات بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭ بەرگەن جاۋاپلىرى ماشىنا ئادەملەرگە ئوخشىماستىن بەلكى راست ئادەملەرگە ئوخشايدۇ، سۆز ئامبىرىدىن كەلگەن ھەقىقى ئادەملەرنىڭ دئالوگىدىن باشقا، ئارقا سۇپىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق سۈنئى ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتلەردىكى يېڭى ھىساپلاش ئۇسۇللىرىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللاردۇر، يۇقۇرقىلار بىرلىشىپ ئادەم بىلەن ماشىنا ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى بىر تېخنىكىدىن ھەقىقى بىر سەنئەتكە ئايلاندۇردى.
جاڭ ياچىننىڭ تەكىتلىشىچە، مىكرو سوفت تەتقىق قىلغان شاۋبىڭ نىڭ ئۈگىنىش ئىقتىدارى بولۇپلا قالماي، يەنە ئابونىتلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ تىلىنى ۋە ئادەتلىرىنى ئۆگىنىۋالالايدۇ.