
جۇڭگو شىمالىي ۋىيېتنامغا ئەڭ كۆپ ياردەم بەرگەن دۆلەت. جۇڭگو 1950-يىلىدىن باشلاپ شىمالىي ۋىيېتنامغا ياردەم بېرىپ كەلگەن. جۇڭگو 1956-يىلىدىن ئىلگىرى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئاجىزلىقىغا قارىماي، شىمالىي ۋىيېتنامنى چامىنىڭ يېتىشىچە كونا جابدۇقلار بىلەن تەمىنلىگەن.
مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو 1956-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە شىمالىي ۋىيېتنامغا 270 مىڭ تال قورال، 10 مىڭدىن ئارتۇق زەمبىرەك، 200 مىليون پايدىن ئارتۇق ئوق، 2 مىليون 20 مىڭدىن ئارتۇق توپ ئوقى، 15 مىڭ دانە سىملىق رادىيو ئاپپاراتى، 1000 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل، 15 ئايروپىلان، 28 پاراخوت، 1 مىليون 180 مىڭ يۈرۈش ھەربىي فورما: 1962-يىلىدىن 1964-يىلىغىچە 90 مىڭدىن ئارتۇق ھەر خىل قورال، 466 زەمبىرەك، 21 مىليون 30 مىڭ پايدىن ئارتۇق ئوق، 76 مىڭ 400 دىن ئارتۇق توپ ئوقى: 1965-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە 1 مىليون 778 مىڭدىن ئارتۇق ھەر خىل قورال، 60 مىڭدىن ئارتۇق زەمبىرەك، 1 مىليارد پايدىن ئارتۇق ئوق، 15 مىليون 970 مىڭدىن ئارتۇق توپ ئوقى، 176 پاراخوت، 552 تانكا، 320 بىرونېۋىك، 170 تىن ئارتۇق ئايروپىلان، 16 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل، 18 مىڭ 240 توننا پارتلاتقۇچ، 65 مىڭ دانە سىملىق رادىيو ئاپپاراتى، 35 مىڭ دانە سىمسىز رادىيو ئاپپاراتى، 11 مىليون 170 مىڭ يۈرۈش ھەربىي فورما ياردەم قىلغان.
جۇڭگو 1968-يىلىدىن ئىلگىرى 63 تىپلىق رادىيو ئىستانسىسى ئۈسكۈنىسىدىن 3000 دىن ئارتۇق ئىشلەپچىقارغان، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى شىمالىي ۋىيېتنامغا ياردەم قىلىپ، ئۆزىگە ساناقلىقلار ئېلىپ قالغان. شىمالىي ۋىيېتنامنىڭ ھەربىي ئەسلىھەگە بولغان ئېھتىياجى جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەندە، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئامباردىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشگە بەرگەن. جۇڭگو شىمالىي ۋىيېتنامغا «قىزىل بايراق-2» باشقۇرۇللىدىغان سىنارەد بازىسى يەر يۈزى ئەسلىھەسىدىن ئۈچىنى ياردەم قىلغان. جۇڭگو ۋىيېتنامنىڭ ئامېىركىغا قارشى 10 يىللىق ئۇرۇشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلەردىن 630 مىڭ توننا ماددىي ئەشيانى يۆتەپ بەرگەن ھەمدە 83 مىليون يۈەن توشۇش ھەققىنى ئالمىغان. ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى دۇئەن 1977-يىلى 20-نويابىر ۋىيېتنام خەلق رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ «700 مىليون جۇڭگو خەلقى ۋىيېتنام خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى، بىپايان جۇڭگو زېمىنى ۋىيېتنام خەلقنىڭ ئىشەنچىلىك ئارقا سېپى» دېگەن سۆزىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ، دېگەن.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.