شۇجى جاڭ چۈنشيەن يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى
فېڭ جىن، ياۋ تۇڭ، جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئىككى كۈن ئېچىلغان ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى 20 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. يىغىندا مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىدىيە يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈلدى، زېھىن ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، ئىشەنچ ئاشۇرۇلدى، شۇنداقلا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى خۇلاسە سۆزى قىلدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىدىن، ھەر مىللەت خەلق بىزدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە يىغىننىڭ روھى، نەتىجىسى، يىغىندىن ئالغان تەسىرات، يىغىننىڭ يۇقىرى ئۆرلەش كەيپىياتىنى پارتىيە ئەزالىرى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ھەر قايسى قاتلامدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، دادىل جەڭگە ئاتلىنىپ، جەزمەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش.
جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كادىرلاردىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاغ – دەريالىرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، زىممىسىگە ئېلىش روھى ۋە تۆھپە قوشۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، سەمىمىي سادىق بولۇپ، ئۆزىنى بېغىشلاشقا تەييار تۇرۇشى، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئويۇشۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دادىل زېممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي بولۇپ، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە بىلىپ، ھەقىقىي چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيەلەشنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە تونۇشىنى يىغىن روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ۋەزىيەتنى تونۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تونۇشنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش، مەركەز بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى جەزمەن توغرا تونۇش؛ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي نىشان – ۋەزىپىلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدەپ بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، خىزمەتلەردە ‹‹بەشكە پايدىلىق بولۇش››نى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى توغرا ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي پىرىنسىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ‹‹بەشتە چىڭ تۇرۇش››نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى ساقلاش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەزنىڭ تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بوشاشماي، تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك مۇھىم قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
بىرىنچى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش؛ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1 – ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مىللىي قول – ھۈنەرۋەنچىلىكنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلار ۋە سېلىنما تۈرلىرىنى يەرلىك ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش؛ مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشى يولغا قويۇپ، ‹‹بەشلەشتۈرۈش››نى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى ئۇل ئەسلىھە چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بايلىق ئېچىشتا ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايونلار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى جەريانىدا ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.
ئۈچىنچى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېجىل – ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بېرىش – كېلىش قىلىشى، ئارىلىشىپ ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا باشلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ‹‹قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى بايقۇت قىلىش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش››تىن ئىبارەت ئاساسىي پىرىنسىپنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئامما ۋە دىنىي زاتلارنى توغرا ئېتىقاد ئېڭى تۇرغۇزۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، كۈچنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك.
تۆتىنچى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ھازىرقى كۈرەشتىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››كە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى پۇختا، كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ خەلق تۇرمۇشىنى چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، بولۇپمۇ كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىش، ئالاھىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇش، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلاش، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر بىر ياشقا تىرىشىپ ماھارەت ئۆگىتىش كېرەك.
بەشىنچى، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى پۇختىلاشتىن ئىبارەت شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ شۇجىلىرىنى ياخشى تاللاپ ۋە سەپلەپ، سەرخىللارنى بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان، پائال ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى دائىم قانات يايدۇرۇش كېرەك. 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ئىناقلىقى، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يېغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپالىق كۈرەش قىلىش ئېسىل ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرۇشى؛ سىياسىي ئۆلچەمنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق بويسۇنۇشى؛ ئۆزگەرتىش، ئىسلاھ قىلىش، دادىل زىممىسىگە ئېلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتەك خىزمەت ئىستىلىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇشى؛ تەشەببۇسكار بولۇپ نەتىجە قازىنىش، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى؛ جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىىنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، مەركەزنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار دېيىلدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈرلەردە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش جەھەتلەردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، جايلار مەركەزنىڭ بۇ قېتىمقى شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتىنى ئاساس قىلىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار مەركەزنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە زىچ باغلاپ، قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە خىزمەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، ليۇ لېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابىكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىن بارلىق يىغىن ئىشتراكچىلىرىنىڭ ‹‹ۋەتەنگە مەدھىيە›› ناملىق ناخشا ساداسى ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلدى.