باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

مېكسىكا قىرغىن قىلدى، يەنە بىر ياۋروپا كوماندىسى خوشلاشتى

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-24 10:16:22


2014-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 4:00دە، 2014-يىلىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ئا گۇرۇپپا ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسى كىرودىيە بىلەن مېكسىكا ئوتتۇرىسىدا ئوينالدى.

ئەڭ ئاخىرىدا مېكسىكا كىرودىيەنى 3-1 نەتىجىدە مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقتى. مېكسىكا سەككىز كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىدە، گوللاندىيە بىلەن ئۇچىرىشىدۇ.

مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى:
مېكسىكا كىرودىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقىپ ئۇدا ئالتە نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا 16 كۈچلۈككە كىرىش قەدىمى داۋاملاشتى. كىرودىيە ئىلگىرى ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بىر مەيدان تەڭلىشىپ ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ شاللانغان، بۈگۈن بۇ نەتىجىسى يەنە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى.
مېكسىكا 1986-يىلىق مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسىدىن بۈگۈنگىچە گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا 28 يىلدىن بۇيان غەلبە قىلالماسلىق نەتىجىسىنى ئاخىر ئۆزگەرتتى.

مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا كىرودىيە كوماندىسى شۇنداق كۈچىگەن بولسىمۇ ئەمما توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى تۇتالمىدى، ئىككى تەرەپ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا 0-0 تەڭلىشىپ مۇسابىقە ئاياقلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، 72-مىنۇتتا مۇسابىقە ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. مورىنو سول تەرەپتىن بۇلۇڭ توپ چىقاردى، ماركۇز كاللا توپ ئۇردى، مېكسىكا 1-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى.
75-مىنۇتتا ئېرنەندىس ئوتتۇرا يولدىن بۆسۈپ كىرىپ ئوڭ تەرەپكە توپ بۆلۈپ بەردى، پېرالتا پاس بەردى، گۇئاردادو توپ ئۇرۇپ نومۇر پەرقىنى 2-0 گە چوڭايتتى. 82-مىنۇتتا مېكسىكا كوماندىسى بۇلۇڭ توپ باشلىدى، ماركۇز كاللا توپ ئۈسۈپ يۆنىلىش بۇراپ بەردى، ئېرنەندىس كاللا توپ ئۇرۇپ، نومۇر پەرقىنى 3-0 گە چوڭايتتى. 87-مىنۇتتا پېرىسىچ سول تەرەپتىن ئىتتىرىپ بەردى، راكتىچ توپ بۆلۈپ بەردى، پېرىسىچ چەكلەنگەن رايون سول تەرەپتىن توپ ئۇرۇپ بىر نومۇر قايتۇرىۋالدى. ئەڭ ئاخىرىدا مېكسىكا 3-1 نەتىجىدە كىرودىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقتى. يەنە بىر ياۋروپا كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى ئاياقلاشتى.



 








 
باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号