باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

برازىلىيە كامروننى قىرىن قىلىپ گۇرۇپتىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-24 10:14:46



data-cke-saved-src=/uploadfile/article/uploadfile/201406/20140624101617923.jpg



2014-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 2:00دە، برازىلىيەنىڭ برازىلىيە شەھىرى برازىلىيە دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئا گۇرۇپپا ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسى برازىلىيە بىلەن كامېرون ئوتتۇرىسىدا ئوينالدى.
ئەڭ ئاخىرىدا برازىلىيە 4-1 نەتىجىدە كامېروننى مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى. برازىلىيە سەككىز كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىدە ب گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىققان چىلى بىلەن ئۇچىرىشىدۇ.

بۇ مەيدان مۇسابىقە برازىلىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى 100-مەيدان مۇسابىقىسى بولدى، ھەم شۇنداقلا برازىلىيە گېرمانىيەدىن كېيىن ئىككىنچى بولۇپ دۇنيا لوڭقىسىدا 100 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان كوماندا بولدى.


مۇسابىقە باشلىنىپلا برازىلىيە كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى، ئالدىنقى ئۈچ مىنۇتتىلا ئىككى قېتىم ۋارتاغا ھۇجۇم قىلدى. 17-مىنۇتتا گۇستاۋو سول توپ تارتىۋېلىپ ۋارتار ئالدىغا پاس بەردى، نېيمار چەكلەنگەن رايوندا ئۈلگۈرۈپ كېلىپ توپ ئۇردى. برازىلىيە1-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى. بۇ توپ برازىلىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى 100-مەيدان مۇسابىقىسىدا كىرگۈزگەن 100- توپ بولدى.
26-مىنۇتتا موتىڭ ئىختىيارى توپ چىقاردى، ماتىپ كاللا توپ ئۈسىدى، توپ سېلۋانىڭ بېشىغا تىگىپ چىقىپ كەتتى. موتىڭ سول تەرەپتىن بۇلۇڭ توپ باشلىدى، نىيوم سول تەرەپتىن توغرىسىغا ۋارتار ئالدىغا پاس بەردى، مادىپ توپ ئۇرۇپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى. 35-مىنۇتتا مارسىلو پاس بەردى، نېيمار چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ توپ ئۇردى. برازىلىيە 2-1 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە برازىلىيە 2-1 ئۈستۈنلىككە ئېرىشىپ ئاياقلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشىنىپ، 49-مىنۇتتا فېرنەندىنھو توپ بۆلۈپ بەردى، داۋىد لۇيىس سول تەرەپتىن پاس بەردى، فىرەد ۋارتار ئالدىدىن توپ ئۇردى. برازىلىيە 3-1 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى.
يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە مېكسىكا ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ كىرودىيەدىن ئۈستۈنلىككە ئېرىشىپ بولغانلىقتىن، برازىلىيە چوقۇم يەنە بىر توپ كىرگۈزسە ئاندىن گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقالايتى.
84-مىنۇتتا ئوسكار پاس بەردى فېرنەندىنھو چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ توپ ئۇردى. برازىلىيە 4-1 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى. ئەڭ ئاخىرىدا برازىلىيە 4-1 نەتىجىدە كامېروننىڭ مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى.
 
 
 




 















باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号