دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تۆت يىلدا بىر كېلىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى لاتارىيە ھەۋەسكارلىرى بۇ مەزگىلدە بەس-بەستە لاتارىيە سېتىۋالىدۇ. 24-ئىيۇن جۇڭگودىكى ئىچكى قىسىمدىكى كەسپىي خادىملار بۇ نۆۋەتلىك برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا جۇڭگونىڭ لاتارىيە كىرىمىنىڭ 10 مىلىيارد يۈەندىن ئاشقانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقە 9- كۈنى لاتارىيە كىرىمى 4 مىلىياردلىق ئۆتكەلدىن ئۆتكەن.
تۆت يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاللىقاچان ئۈچتىن بىر قىسىمى ئاياقلاشتى، توپخۇمارلار نەتىجىنى پەرەز قىلىش شەكىلى ئارقىلىق لاتارىەي سېتىۋېلىپ يىراقتىن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتى. دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەركىزى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تۇنقى كۈنى لاتارىيە سېتىلىش مىقدارى 150 مىلىيون يۈەندىن ئېشىپ ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى تاق كۈندىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسىسىگە يەتكەن.
21-ئىيۇن چۈش سائەت 12:00گىچە، لاتارىيە سېتىلىش ئومۇمىي مىقدارى جۇغلانمىسى 4 مىلىيارد يۈەندىن ئېشىپ، 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافىرىقا دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدىكى 2 مىلىيارد 300 مىلىيون يۈەنلىك ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن. دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى لاتارىيە باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ لاتارىيە پەرەز قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لىيۇ يۆجى بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە لاتارىيە سېتىلىش ئومۇمىي مىقدارى چوقۇم 10 مىلىيارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ دىگەن.
مالىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 2013-يىلى لاتارىيە سېتىش ئومۇمىي مىقدارى 309 مىلىيارد 325 مىلىيون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەنتەربىيە لاتارىيەسى سېتىش مىقدارى 132 مىلىيارد 797 مىلىيون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 20.2% ئاشقان. رەسمىي يولدىن سىرت ھارخىل قاراڭغۇ يوللاردىمۇ لاتارىيە سېتىۋېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ، جۇڭگو ئۇچۇر ئالاقەت تورى ئىشەنىچ باھالاش مەركىزىنىڭ قانۇنىي مەسلىھەتچىسى جاۋ جەنلىڭ لاتارىيە سېتىش پەقەت مەمۇرىي جەھەتتىن تەستىقتىن ئۆتكەندە ئاندىن قانۇنلۇق بولىدۇ، توردا لاتارىيە ساتقاندا چوقۇم لاتارىيە تارقاتقۇچى ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىش، لاتارىيە تارقاتقۇچى ئورۇن تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن قانۇنلۇق بولىدۇ، ناۋادا لاتارىەي تارقاتقۇچى ئورۇننىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىسە قانۇنسىز قىلمىش بولىدۇ. دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدىكى توردىكى لاتارىيە سېتىۋېلىش ھەرىكىتى لاتارىيە تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن، ئېغىر دەرىجىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش دىگەن.