باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

ياپونىيەنىڭ ئازادلىق ئارمىيەگە ئاتالمىش تەھدىت شەكىللەندۈرەلەيدىغان بەش چوڭ كوزىر قورالى

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-24 15:49:23

ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئىتى» قوش ئايلىق ژۇرنىلى تورىدا 14-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو ياپونىيەنىڭ بەش خىل كوزىر قورالىدىن چۆچۈشى كېرەك» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى:
ئويلاپ باقمىغان ئىشلار يۈز بېرىپ قالسا، جۇڭگو ياپونىيەنىڭ تۆۋەندىكى بەش چوڭ قورالىنى ئوبدانراق مۆلچەرلىشى كېرەك:



1.«قارا ئەجدىھا» ناملىق دىزېلىن يېقىلغۇلۇق چۆكمە پاراخوت. ياپونىيەنىڭ بۇ چۆكمە پاراخوتى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار يادروسىز ھۇجۇمچى چۆكمە پاراخوت. ئۇنىڭ چۆكۈش جەريانىدىكى سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 4100 توننا، سۇ يۈزىدىكى سۈرئىتى 13 كنوت، چۆكۈش سۈرئىتى 20 كىنوتقا يېتىدۇ.
بۇ چۆكمە پاراخوتقا ئالتە تورپېدا سەپلەنگەن، 89 تىپلىق ئاپتوماتىك تورپېدادىن 20 سى ۋە ئامېرىكىدا ياسالغان «بېلىق ئارىسى» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلەنگەن.
نۆۋەتتە بۇ چۆكمە پاراخوتتىن سەككىزى بار، ياپونىيە 2010-يىلى چۆكمە پاراخوتنى 16 دىن 22 گە كۆپەيتىشنى قارار قىلغان.
جۇڭگو چۆكمە پاراخوتقا قارشى ئۇرۇش جەھەتتە بىر قەدەر ئاجىز، شۇڭلاشقا ياپونىيەنىڭ چۆكمە پاراخوت فىلوتىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدۇ، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ چۆكمە پاراخوتقا قارشى ئۇرۇش تەجرىبىسى يوق.


2. «F-15J» بەلگىلىك سوقۇش ئايروپىلانى. ياپونىيە ئاۋىياتسىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ «F-15J»بەلگىلىك سوقۇش ئايروپىلانى ئامېرىكىنىڭ F-15 «بۈركۈت» بەلگىلىك سوقۇش ئايروپىلانىنىڭ ياپونىيە نۇسخىسى.
«F-15J» گە «AAM-4B» بەلگىلىك ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ دۇنيا بويىچە ناھايىتى ئاز ساندىكى مەنبە فازىلىق كونترول قىلىنىدىغان رادار ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ بىرى.
ھازىرغىچە «F-15J» بەلگىلىك سوقۇش ئايروپىلانىدىن 200ى بار. 30 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بۇ ئايروپىلاننىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى ئەۋلاد قىرغۇچى سوقۇش ئايروپىلانلىرىغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن، ھەر يىلى ئون نەچچە ئايروپىلاننىڭ ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق كاشىلا پەيدا قىلىش ئەسلىھەسى ئورنىتىلىدۇ.


3. «ئەتەگلو» دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلەنگەن قوغلىغۇچى پاراخوت.«ئەتەگلو» دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلەنگەن قوغلىغۇچى پاراخوت ياپونىيەنىڭ ئەڭ خىللانغان سوقۇش پاراخوتى بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل ۋەزىپىنى ئىجرا قىلالايدۇ. بۇ پاراخوتنىڭ سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 10 مىڭ توننىغا يېقىنلىشىدۇ.
بۇ پاراخوتقا «MK-41» تىك قويۇپ بېرىش بۆلۈنمىسىدىن 96 ى سەپلانگەن، ھەر بىر قويۇپ بېرىش بۆلۈنمىسىگە بىردىن «2-ئۆلچەم» بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد،« 3-ئۆلچەم» بەلگىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى توسقۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ياكى «ASROC» بەلگىلىك چۆكمە پاراخوتقا قارشى راكېتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.



4. «ئىزۇمۇ» ناملىق كۆپ ئىقتىدارلىق پاراخوت. «ئىزمو» ناملىق تىك ئۇچار سەپلەنگەن قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 27 مىڭ توننا، ئۇزۇنلۇقى 800 ئىنگلىزچىسى بولۇپ، ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى. «ئىزۇمو» ناملىق پاراخوتتىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئىككىنچىسىگە تېخى نام قويولمىغان.
«ئىزۇمو» ناملىق پاراخوت ئاۋىياماتكىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتى ئۇنى كۆپ ئىقتىدارلىق پاراخوت، دەپ ئاتىۋالغان. بۇ پاراخوتقا 14 تىك ئۇچار ئايروپىلان سىغىدۇ. ئۇنىڭغا «SH-60» بەلگىلىك چۆكمە پاراخوتقا قارشى تىك ئۇچار سەپلەنگەن.
جۇڭگو «ئىزۇمو» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق سۇپىسى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. چۆكمە پاراخوتقا قارشى ئۇرۇش سۇپىسىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، كەڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى چۆكمە پاراخوتلارنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ: سۇ ۋە قۇرۇقلۇق سۇپىسىغا ئىگە بولغاچقا، ياپونىيە ئارمىيەسىنى يىراق ئارالغا ئېلىپ بارالايدۇ: ۋاقىتلىق ئاۋىياماتكا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرىكەتچان سۇپىغا ئايلىنىپ، بىر تۈركۈم بەشىنچى ئەۋلاد كۆرۈنمەس سوقۇش ئايروپىلانلىرىنى شەرقىي دېڭىزغا ئېلىپ بارالايدۇ.
5. ئامېرىكا ئارمىيەسى.«ئامېرىكا-ياپونىيە ئورتاق ھەمكارلىق ۋە خەۋپسىزلىك كېلىشىمى»ياپونىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تېرەككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە-جۇڭگو توقۇنۇشىغا ئارىلىشىشى بىر مەيدان چوڭ دۆلەتلەر ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.
باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号