باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

ئامېرىكا تارىخىدىكى ھەجىمى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش كېمىسى

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-24 21:44:31

  ئامېرىكىدىكى SPLOIDناملىق تاراتقۇنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تارىخىدىكى ھەجىمى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش كېمىسى ئىئوۋا دەرىجىلىك ئۇرۇش كېمىسى بولۇپ، بۇ ئۇرۇش كېمىسىنىڭ نورمال ئەھۋالدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 50 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، تارىختىكى ئاساسىي ماتور قۇۋۋىتى ئەڭ چوڭ، سۈرئىتى ئەڭ تېز ئۇرۇش كېمىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىئوۋا دەرىجىلىك ئۇرۇش كېمىسىنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى ياسىغان بولۇپ، سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش كېمىسى ھېسابلىنىدۇ، لىق بېسىلغاندىكى سۇ چىقىپ چىقىرىش مىقدارى 52 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، كېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 270.4 مېتىر، كېمە گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇن- كەڭلىك نىسبىتى 1:8.


ئىئوۋا دەرىجىلىك يۈرۈشلۈك ئۇرۇش كېمىلىرىدە جاھاندا بىرلا ئۇچرايدىغان جابدۇقلار بار، يەنى ئۈچ دانە ئۈچ ئاتار ئاساسىي زەمبىرەك سۇپىسى، توققۇز دانە ھەتتا يادرو ئوقى ئېتىشقىمۇ بولىدىغان 406 مىللىمېتىرلىق پىلىموت بار.


ھەقىقىي جانغا زامىن قورال يەنىلا دېڭىز ئارمىيەسى مەرگەنلىرىنىڭ ئوقى ۋە ئۇرۇش كېمىسىدىكى زەمبىرەكنىڭ قوش زەربىسىدۇر.

«دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇرۇش كېمىسى» ناملىق كىنودا ئىئوۋا دەرىجىلىك ئۇرۇش كېمىسىنىڭ ھۇجۇم قوزغىغان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش قايتا نامايان قىلىنغان. ھۇجۇم قىلغاندا 70 تىن ئارتۇق ئادەم زەمبىرەك سۇپىسىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ.

ئىئوۋا دەرىجىلىك يۈرۈشلۈك ئۇرۇش كېمىلىرى يادرو بومبىسى ئاتالايدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش كېمىسى، ئۇلار W23تىپلىق يادرو ئوقى ئاتىدۇ.

ئىئوۋا دەرىجىلىك يۈرۈشلۈك ئۇرۇش كېمىلىرى ئىئوۋا ناملىق، يېڭى جېرسېي ناملىق، مىسسۇرى ناملىق، ۋىسكونسېن ناملىق ئۇرۇش كېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇش كېلىشىمى مىسسۇرى ناملىق ئۇرۇش كېمىسىدە ئىمزالانغان.

ئىئوۋا دەرىجىلىك يۈرۈشلۈك ئۇرۇش كېمىلىرى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۈچۈن كۈچلۈك ئوت كۈچى ياردىمى تەمىنلىدى.

ئىئوۋا دەرىجىلىك يۈرۈشلۈك ئۇرۇش كېمىلىرى 1990- يىلى رەسمىي سەپتىن چېكىندى. ئىئوۋا دەرىجىلىك يۈرۈشلۈك ئۇرۇش كېمىلىرى دۇنيادا پائالىيەت قىلىپ نەچچە 10 يىلدىن كېيىن شەرەپلىك بۇرچىنى ئاياغلاشتۇردى. ئەمما بۇ تۆت دانە ئۇرۇش كېمىسى ھازىرغىچە ساقلاپ قېلىندى.
باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号