ئىلگىرى ھەربىي قورال-ياراغ زاۋۇتى ئۆڭكۈرىدە قورال-ياراغ ياساش بىلەن شۇغۇللانغان ئىشچىلار زەمبىرەك ئوقى ياسىغۇچىلارنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بىرلىكتە تاغقا چىقىپ، ئىنقىلاب خارابىسىگە بېرىپ، ئىنقىلابىي تارىخنى ئەسلىدى.
چاۋشيەن خەلقى زەمبىرەك ئوقى زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
ۋىنيەن زەمبىرەك ئوقى زاۋۇتى ئەينى يىللىرى ئىشلەپچىقارغان زەمبىرەك ئوقلىرى.
ئەينى ۋاقىتتا ھەربىي قورال-ياراغ زاۋۇتى بولغان ئۆڭكۈردە قورال-ياراغ ئىشلەپچىقارغان ئىشچىلار بۈگۈنكى كۈندە 80 ياشتىن ئاشقان بوۋايلارغا ئايلانغان، بەزىلىرى ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن، ھاياتلارغا «ئۇرۇش تۆھپىكارى» دېگەن نام بېرىلگەن. بۈگۈن ئۇلار زەمبىرەك ئوقى ئىشچىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بىرلىكتە تاغقا چىقىپ، ئىنقىلاب خارابىسىگە بېرىپ، ئىنقىلابىي تارىخنى ئەسلىگەن.
تارىخنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولغان بۇ ياشانغانلار ئىلگىرى ئون نەچچە يېشىدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مۇزدەك سوغۇق ۋە زەي تاش غارلارغا كېلىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئالدىنقى سەپتىكىلەر ئۈچۈن زەمبىرەك ئوقى ياسىغان شۇنداقلا نەچچە مىڭ مېتىر تاغ جىنسلىرىنى قېزىپ، زەمبىرەك ئوقىنىڭ بىخەتەر ھالدا قىسىمغا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان.
دوكلاتتا يەنە، چاۋشيەن خەلقى قۇربان بولغان قەھرىمانلار قىلىپ بولالمىغان ئىنقىلابىي ئىشلارنى تاماملاپ، مىلتىق قوراللار بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە ۋەتىنىنى قوغداپ كەلدى، دەپ كۆرسىتىلگەن.