
بۈگۈن 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكىلىق داڭلىق پوپ ناخشا شاھى مايكول جېكسون ۋاپات بولغانلىقىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنى.
جېكسون ھايات ۋاقتىدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ مال-مۈلىكى ئوپراتسىيە ئىشلىرىغا كېتىپ ۋەيران بولۇپ كىتىشكە ئاز قالغان، ئەمما ئۇنىڭ بايلىقىغا مەسئۇل شىركەت يېقىنقى بەش يىلدىن بېرى 700 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق كىرىم قىلغان.
«مايكول جېكسون شىركىتى» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى زاك گېرىنبۇرگ مايكول قازا قىلىپ بەش يىلدىن كېيىن، مايكول جېكسون شىركىتىنىڭ ھازىردىن باشلاپ نۇرغۇن پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ كەسپىدە ئەڭ ئۇتۇق قازانغان مەزگىلدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
مايكول جېكسون 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى لوندون مۇزىكا كېچىلىكىگە جىددىي تەييارلىق قىلىپ رىپىتسىيە قىلىۋاتقاندا كىسەللىك سەۋەبىدىن قازا قىلغان. كېيىن جېكسوننىڭ بايلىقىنى ئائىلىسىدىكىلەر مايكول جېكسون شىركىتىنىڭ «باشقۇرىشى»غا تاپشۇرغان.
مايكول جېكسون شىركىتى جېكسون ھايات ۋاقتىدىكى مۇزىكا كېچىلىكىگە تەييارلىق قىلغان رېپىتسىيە ۋىدىئولىرىنى كېسىپ، «ئۇ مانا مۇشۇنداق» ناملىق ھۈججەتلىك فىلىم ئىشلەپ پۈتۈن دۇنيادا تارقىتىپ، 200 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق كىرىم قىلغان.
جېكسون ۋاپات بولۇپ بىرقانچە ئايدىن كېيىن، «مايكول جېكسون شىركىتى» سونىي شىركىتى بىلەن قىممىتى 200 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق توختام تۈزۈپ، بۇندىن كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە جېكسوننىڭ يەتتە پىلاستىنكىسىنى تارقىتىشقا قوشۇلغان. نۆۋەتتە ئاللىقاچان ئىككى پىلاستىنكا تارقىتىلدى.
قىسقىغىنا بەش يىل ئىچىدە 700 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلىش، مايكول جېكسون شىركىتى يەنە قايتىدىن جېكسوننىڭ تەسىرى ۋە سودا قىممىتىنى ئىسپاتلىدى. ئەمما ئەمىلىيەتتە، بۇ پۇلنىڭ كۆپ قىسىمى جېكسون ھايات ۋاقتىدىكى زور سوممىدىكى قەرزنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
جېكسون كەسپىي ھاياتىدا ئۇتۇق قازانغان مەزگىلىدە، ھەر يىلىغا 100 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق كىرىم قىلغان، ئۇنىڭ 1982-يىلى تارقاتقان« تىتىرەڭگۈ» ناملىق پىلاستىنكىسى بۈگۈنگىچە سېتىلىشتىن توختىمىغان.