باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سەيشەنبە

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

يېڭى زېلاندىيەدە جىنسىنى ئۆزگەرتكەن بىر ئايال كوچىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-25 08:38:00

جىنسىنى ئۆزگەرتكەن ئايال

خەلق تورى 24 – ئىيۇن خەۋىرى : يېڭى زېلاندىيە ئاخبارات تورى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرى، جىنسىنى ئۆزگەرتكەن بىر ئايال بېپپا كوچىسىدا ئېچىنىشلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، بېشى ئېغىر يارىلانغانلىقى ئۈچۈن ھازىر خوللىڭتون دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر مۇنداق دېدى، بۇ ئايالنىڭ «جىنسىنى ئۆزگەرتىشى» بەلكىم ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ يارىدارنىڭ ئىسمى ئاناخېرا رانجىتاۋا، ئەركىلەتمە ئىسمى ئانجىل، بۇ يىل 33 ياشتا. شەنبە كۈنى يېرىم كېچىدىن سەھەر سائەت بىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، Fitzherbert Aveكوچىسى بىلەن Ferguson St كوچىسى چېگرىلىنىدىغان يەردىكى Copthorne Hotel دەرۋازىسى ئەتراپىدا كىشىلەر ئۇنى بايقىغان.
بېپپا كوچىسىدىكى CIBساقچىسى جوننى ئورام مۇنداق دېدى، بېشى ئېغىر يارىلانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ شۇ ھامان بېپپا دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ كۆرسىتىلگەن، يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن ئۇ تېزلا خوللىڭتون دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەن.
جوننى ئورام مۇنداق دېدى، ئۇلار ھازىرچە ئۇنىڭ قانداق يارىلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن، ھېچقانداق دەلىل ئىسپات يوق ئەھۋال ئاستىدا قارىغۇلارچە پەرەز قىلىش «بولمايدىغان ئىش» ئىكەن.
تۈنۈگۈن ئاناخېرا رانجىتاۋانىڭ ھاممىسى ئېستېر توفېر Facebookتورىغا چىقىپ سۆز قالدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭ «مۇھەببەتكە تولۇپ تۇرغان، ناھايىتى خوشال ھەم ياش» جىيەن قىزى ئۈچۈن دۇئا قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان.
ئۇ مۇنداق دېدى، ئانجىل جىنسىنى ئۆزگەرتكەن ئادەم، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ ئاشۇ جىنسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىگە دائىر «سالاھىيىتى» بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ Facebook قا مۇنداق دەپ يازغان، كىملىكى نامەلۇم ئۈچ ئەر كىشى دەل بۇ ۋەقەدىكى باش جىنايەتچىلەر.
نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئايال تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى، شەنبە كۈنى كەچتە، ئۇ ئانجىل بىلەن بىرگە Square Edgeدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر كۆرگەزمىگە قاتناشقان. ئۇ مۇنداق دېدى، ئانجىل ئوكلاندتىن كەلگەن، بۇرۇنمۇ بېپپاغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن كېلىپ باققان.
ئۇنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشىچە، ئانجىل ناھايىتى «چىرايلىق ئايال» ئىكەن، بۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى تۈپەيلى ئۇ ھەمجىنىسلار، قوش جىنىسلار ۋە جىنس ئۆزگەرتكۈچىلەر كوللىكتىپىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ قالغان.
«بىز ئىزچىل تۈردە بېپپانى بىر كىچىك، خۇددى ئۆيگە ئوخشاشلا بىخەتەر بازار دەپ قارايتتۇق، تاكى بۇ چىرايلىق قىز سىرتتىن كېلىپ......ناھايىتى ئېنىقكى ئۇ جىنسىنى ئۆزگەرتكەن ئادەم، بەلكىم بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ جىنسىنى ئۆزگەرتىشى بىلەن سەۋەبلىكتۇر......»
بۇ ئايال مۇنداق دېدى، ئۆتكەن ئالتە ئاي ئىچىدە، ئۇنىڭ ئاڭلىشىچە بىر جىنسىنى ئۆزگەرتكەن كىشىنى بېپپادا كىشىلەر قاتتىق دۇمبالاپ كەتكەن ئىكەن.
باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号