Galaxy S5ئەمدىلا ئېلان قىلىنغان چاغدا، سەپلىمىلىرى ئەسلىدىكى مۆلچەردىكىدەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىىلەرنىڭ سۆز چۆچەك قىلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئىدى، ئالدىنقى ھەپتىدە سامسۇڭ ئاخىرى بۇ يانفوننىڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك نۇسخىسى GALAXY S5 LTE-A نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئەمما ئىلگىرىكى تارقالغان خەۋەرلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، سىرتقى قېپى مېتالدىن ياسالمىغان ئىدى. كورىيە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت كارخانىسى KT يېقىندا يېڭى تىپتىكى سىرتقى قاپ ئىشلىتىلگەن GALAXY S5 LTE-A يانفونىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى ۋە بۇنى Galaxy S5 نىڭ ئالاھىدە نۇسخىسى دەپ ئاتىدى.
GALAXY S5 LTE-A نىڭ سىرتقى قېپىنىڭ باشقا نۇسخىدىكى سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ سىرتقى قېپى بىلەن ماھىيەتلىك پەرقى يوق، بىراق GALAXY S5 LTE-A يانفونىنىڭ سىرتقى قېپىغا قولدا تۇتۇشقا ئەپلىك بولىشى ئۈچۈن رومبا شەكىللىك ئىز چىقىرىلغان. ئەلۋەتتە ھازىر بۇ خىل يانفوننى سېتىۋالماقمۇ قىيىن، چۈنكى سامسۇڭ شىركىتى ناھايتى ئېنىق قىلىپ بۇ يانفوننى ۋاقتىنچە پەقەت كورىيەدىلا بازارغا سالىدىغانلىغىنى بىلدۈرگەن. ئىگەللىنىشىچە بۇ نۇسخىدىكى يانفون 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا كورىيەدە بازارغا سېلىنىدىكەن.
بۇ نۇسخىدىكى يانفوننىڭ سەپلىمىلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرتەرەپ قىلغۇچ: 2.5GHZ لىق كۇۋالىكوم سنەپدارگون 805 تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ
ئىچكى سىغىم: 3G
كۆرسىتىش ئېكرانى: 5 دىيوملۇق،2Kلىق ئېكران
كامىرا: ئارقا يۈزىگە 16 مىليون پىكسىللىق ئاساسى كامىرا،ئالدى يۈزىگە ئىككى مىليون پىكسىللىق قوشۇمچە كامىرا
باتارىيە: 2800mAh
مەشغۇلات سېستىمىسى: Android 4.4 Kit Kat
قوللايدىغان تورى: LTE-A تېز سۈرئەتلىك تور
يۇقارقىلاردىن باشقا ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە، يۈرەك رىتىمىنى سەزگۈچى سىنزور ۋە بارماق ئىزى سىكاننېرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.