ئادەم ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندىن كېيىن ، بەدەننىڭ ھەرخىل فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ . ئادەم20~40 ياشقىچە بولغان ۋاقتى پىشىپ يېتىلىش دەۋرى ھېسابلىنىدۇ . 40~60 ياشقىچە تەدرىجىي ئاجىزلاش دەۋرى.
ئەمەلىيەتتە بولسا 30 ياشتىن كېيىن بەدەننىڭ ھەرخىل ئىقتىدارى تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ . مۆلچەرلىنىشىچە ، ئادەمنىڭ يېشى بىر ياش ئۆرلىگەنسىرى بەدەننىڭ ئىقتىدارى 1% تۆۋەنلەيدىكەن . بەدەننىڭ ھالىتى ، فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى ياش ۋاقتىدىكىدەك بولمايدۇ . بەدەندىكى ئورگانلارنىڭ خىزمىتى تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ . ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشى ، ئىممونىت كۈچى ۋە ئىچكى ئاجراتما خىزمىتى تۆۋەنلەيدۇ .
ئادەمنىڭ ئوتتۇرا ياش ۋاقتىدا يۈكى ئېغىر ، بىر تەرەپتىن پەرزەنتلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ . خىزمەت ئورنىدا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن باشقا ياشلارنى يېتەكلەش ، ئىشنىڭ ئېغىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا توغرا كېلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئېغىر چارچايدۇ . 45 ياشتىن كېيىن كۆزى ئاجىزلىشىدۇ ھەمدە چاچلىرى ئاقىرىپ ، چاچ چۈشۈشكە باشلايدۇ . بەزىلەر بۇرنىدىكى تۈكلىرى ئاقىرىشقا باشلايدۇ . يۈزدىكى قورۇقلارمۇ كۆپىيىدۇ . ياشانغاندا ئادەمنىڭ بويىمۇ كىچىكلەيدۇ . ئاسانلا بەل ئاغرىپ ، بوغۇم ، سۆڭەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ .
بەزى ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈشىچە ، ئوتتۇرا ياش ۋاقتى خەتەرلىك دەۋر ئىكەن . يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى ، راك كېسەللىكى ئوتتۇرا ياشتىن باشلىنىدىكەن . بەزى سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرمۇ ئوتتۇرا ياشتىن يوشۇرۇن باشلىنىدىكەن . دىمەك فىزىئولوگىيىلىك نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا ، ئوتتۇرا كىرگەندە ئادەمنىڭ ئورگانىزىملىرى تەدرىجىي ئاجىزلاشقا باشلايدۇ .