ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى تۆۋەندىكىدەك 3دەرىجىگە بۆلىنىدۇ:
1. يېنىك دەرىجىدە ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى: قان دىنامىكىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساق دىۋارى ۋە بالىياتقۇ زىيادە جىددىي بولغانلىقتىن قان تومۇرلارنى بېسىپ، ئۇششاق ئارتېرىيىدە قان ئېقىمى ئازلاپ، ۋېناغا قان قېيىش، بالىياتقۇ ۋە بالا ھەمراھىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك بىلەن ھامىلىدار ئايالنىڭ بالا ھەمراھى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان MAO ۋە ئىچكى ئاجرالما ھورمونلىرى قالايمىقانلىشىدۇ.
2. ئوتتۇرا دەرىجىدە ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى:كېسەللىك جەريانى تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا باسقۇچقا يەتكەندە،بۆرەك خىزمىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بالىياتقۇ قورساق دىۋارى ۋە بالىياتقۇ چوڭىيىش كۈچىنىڭ بېسىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، بالا ھەمراھىغا قان يېتىشمەيدۇ.شۇنداقلا بۆرەكنى بېسىپ، بۆرەكتىكى قان ئېقىم مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ. بۆرەكتىكى قان يېتىشمەسلىك ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئېغىر بولغاندا بۆرەكتىكى ئۇششاق قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ‹‹قىسقا يوللۇق ئايلىنىش››پەيدا بولىدۇ.
3. ئېغىر دەرىجىدە ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى: كېسەللىك جەريانى تەرەققىي قىلىپ ئېغىر باسقۇچقا يەتكەندە مېڭە،يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالارغا ئوكسىگېن يېتىشمىگەنلىكتىن زەخىمگە ئۇچراپ مېڭە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەكلەرنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىدۇ.
قىسقىسى، ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى ئادەتتە يېنىك دەرىجىدىن ئوتتۇرا دەرىجىگە، ئۇندىن كېيىن يەنە ئېغىر دەرىجىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.ئەمما كېسەل پەيدا بولۇش جەريانىدا ئەگەردە بالدۇر بايقاپ ۋاقتىدا چارە قىلغاندا، كېسەللىك جەريانىنى ئارقىغا ياندۇرغىلى بولىدۇ.