1) بالىلار يېشىنىڭ دەۋرلەرگە بۈلىنىشى ۋە ئالاھىدىلىكى:
بالىلارنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تەن تۈزۈلىشى ۋە بەدەن پائالىيىتى ياشنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ مەلۇم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە كىسەل بۇلۇش ھالىتىدىمۇ ئايرىم ئۆزگۈرۈشلە ربۇلىدۇ. داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۇلا رتۈۋەنىدكى 5تۈرگە بۈلىنىدۇ.
(1) ھامىلە دەۋرى: بۇ ھامىلە تۈرەلگەن كۈندىن تارتىپ تاكى تۇغۇلغىچە بولغان دەۋرى بۇلۇپ 9ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلىدۇ. بەزى تۇغما كىسەللىكلەر مانا شۇ دەۋردە پەيدا بۇلىدۇ. شۇڭا ھەرخىل ھامىلە كىسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللارنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش لازىم.
(2) قىرقى دەۋرى: يىڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ 40كۈن ئۆتكۈنچە بولغان دەۋر چىللە ياكى قىرقى دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەۋردە بۇۋاق بالىياتقۇدىن چىقىپ تاشىقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىدۇ. شۇڭا مۇشۇ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن بۇۋاقنى سىرتقى مۇھىتنىڭ ھەرخىل يامان تەسىرىدىن مۇمكىن قەدەر ئاسراپ سىرتقى مۇھىتقا پەيدىن- پەي ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ دەۋردىكى كىسەللىكلەرنىڭ كۆپچىلىكى بالىياتقۇ ئىچىدىكى تۇرمۇش ۋە تۇغۇت جەريانىدىكى تەسىرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈلۈش نىسبىتى يۇقىرراق بۇلىدۇ. بۇۋاقلار ئاساسەن نەپەس يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشى، ھەزىم قىلىشنىڭ بۇزىلىشى ۋە بالدۇر تۇغۇلۇش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن ئۈلۈپ كىتىدۇ.
(3) بۇۋاقلىق دەۋرى: بالىنىڭ تۇغۇلۇپ قىرقى چىققاندىن تارتىپ بىريېرىم ياشقىچە بولغان دەۋرى بۇۋاقلىق دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەۋردە بالىنىڭ ئۈسۈشى پەۋقۇللاددە تىز بۇلىدۇ. بۇلۇپمۇ مىڭە قىسىمنىڭ تەرەققى قىلىشى تىز بۇلىدۇ. ھەزىم قىلىشى تىز بۇلىدۇ. ھەزىم قىلىش پائالىيىتى ئاجىز بۇلىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن بۇۋاقنى ئانا سۈتىدىن باشقا يەنە يۇمشاق قۇۋۋەتلىك ئۇزۇقلۇقلار بىلەن بېقىش ئىچى سۈرۈش، قۇسۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بۇ دەۋردە ئۇزۇقلۇق يىتىشمىسە ئۇڭايلا قان ئازلىق راخىت كىسەللىكى قاتارلىق كىسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ.
(4) گۈدەكلىك دەۋرى: بالىنىڭ يېرىم ياشتىن تارتىپ ئالتە ياشقىچە بولغان دەۋرى گۈدەكلىك دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەۋېردە مۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بۇلىدۇ. (1) گۈدەك بالىلارنىڭ چوڭلا ربىلەن ئۇچرىشىشى كۆپ بۇلىدۇ. مىڭە ىىزمىتى خېلى كۆپ تەرەققى قىلىدۇ. شۇڭا ئۆتكەندە ئىشلارنى قىلالايدىغان بۇلىدۇ. (2) ئەمچەكتىن ئايرىلغان ۋاقتى بولغاچقا بەدەننىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجى جىددى ئاشقان بۇلىدۇ. مۇۋاپىق ئۇزۇقلاندۇرۇلمىسا ئۇرۇقلاش، ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، بەدەننىڭ ئۈسۈشى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرىلىدۇ.(3) تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھەرخىل كىسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى بۇلىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋردە كىسلەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى قوللۇنۇش ۋە گۈدەك بالىلارنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاش زۈرۈر.
(5) نارسىدىلىك دەۋرى: (مەكتەپ يېشى دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). 6ياشتىن تارتىپ بالىلار ئۇقۇش دەۋرىگە قەدەم قۇيىدۇ. بۇ دەۋردە بالىلارنىڭ ئۈسۈشى ئالدىنقى دەۋرگە قارىغاندا بىرئاز ئاستىلايدۇ. ئەمما بالىلارنىڭ مېڭىشى، تاكامۇللىىششقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. شۇڭا ئۈگەتكەننى ئۈگۈنەلەيدۇ، يادلىيالايدۇ. ھەرخىل ئىجىتمائى ھادىسلەرگە ماسلىشالايدۇ. بۇلۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان دەۋردە بەدەنى ۋە ئەقلى تەرەققىياتنىڭ ئۈسۈشى تۇلۇپ جىنسى تەرەققىياتنى يىتىلىشكە باشلايدۇ. بەدەن ھالىتى بارا- بارا چوڭ كىشىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. بۇ چاغدا بالىلارنىڭ مىجەزى تۇراقسىز ئۆزگۈرۈشچان بۇلىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋردە بالىلارنى تازىلىق، ئەمگەك ۋە ئەخلاق جەھەتتە تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم.