پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • خانىم قىزلار سەمىگە: ئاياللار ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغان ...
  • قانداق ئاياللار ئۈزۈك سالدۇرسا بولمايدۇ ؟
  • بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز تۆۋەندىكى 20 نۇقتىغا دىققە ...
  • بالىلارنىڭ مېڭىسىگە زىيانلىق يېمەكلىكلەر ...
  • بالىلارنى ئايرىم ئۇخلاشقا ئادەتلەندۇرۇش كېرەك
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • يۈز تېرىسىنى قانداق ئاسراش كېرەك
  • ھۆسن تۈزەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەش خىل مەخپىيەت
  • بالىلار دائىم سۈت ئىچسە،ئاسان قان ئازلىق كېسىلىگە گىر ...
  • ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ساغلاملىق كۆرسەتمىلىرى
  • بالىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى ئوينىشى
  • بالىڭىز بىلەن جىنسىيەت توغرىسىدا قانچە بۇرۇن سۆزلەشسى ...
  • بالىلار باناننى كۆپ ئىستېمال قىلسا قەۋزىيەتنى پەيدا ق ...
  • ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئاسان چارچايدۇ ؟
  • ئاياللارنىڭ سەمىرىشى ئەمچەك راكى بولۇش ئېھتىماللىقىد ...
  • قانداق قىلغاندا بالىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيلىگىلى بولى ...
  • تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • ساغلام پەرزەنت كۆرۈشنىڭ قىسمەن شەرتلىرى
  • ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر
  • ۋىتامىنلارنىڭ بالىلارنىڭ زېھنى قۇۋۋىتىگە بولغان تەسى ...
  • بالا تەربىيىسىدە دېققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • قانداق قىلغاندا ئەمچەكتىكى ئۆسمىنى بالدۇر بايقىغىلى ب ...
  • بالا تەربىيىلەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسلىلەر
  • ئاغرىتىپ ھەيز كېلىشنىڭ داۋاسى
  • ھامىلدارلىق مەزگىلىدە«B»چاۋدا تەكشۈرتۈش
  • ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە B تىپلىق ئاپپاراتتا قانچە قېتى ...
  • ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن كۆزىنى ئاسرىشى كېرەك
  • بالىلارغا كالتسىي تابلىتكىسىنى سۈت بىلەن ئىچكۈزمەڭ
  • ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش
  •  
    ھامىلدار ئانىنىڭ توغرا ئۇزۇقلىنىشى ۋە تازىلىققا رىئايە قىلىشنىڭ تۈرەلمىگە بولغان تەسىرى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-02-27 ئاۋاتلىقى:40
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

     

    يىڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ شەكلى ۋە قابىلىيىتى تۈرەلمە ۋاختىدىكى ئۈسۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ.ھامىلدارلىق مەزگىلدە ئانىنىڭ ئۇزۇقلىنىشنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى ياكى زىيانلىق نەرسىلەر بىلەن ئۇزۇقلىنىش تاماكا ۋە نەشە قاتارلىق مەس قىلغۇچى نەرسىلەرنى چىكىش ھاراق، مەيزاپ قاتارلىق زىيانلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ھامىلدرالىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى ۋە ئاخىرقى ئىككى ئېيىدا جىنسى ئالاقە قىلىش، يۇقۇملىنىش، زەھەرلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قورساقتىكى بالىنىڭ نورمال ئۈسۈشىگە زىيانلىق تەسىر قىلىدۇ. ھامىلدار ئايالنىڭ كىيىنىشى ۋە تازىلىققا رىئايە قىلىش- قىلماسلىقمۇ بالىنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇغۇلغاندىن كىيىنكى نورمال ھالىتىگە زىيانلىق تەسىرى ئالاھىدە بولغان مەسىللەرنىڭ بىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش خىزمىتى ئانىنىڭ قۇرسىقىدىكى ۋاقتىدىن باشلاش لازىم.
    ئالدى بىلەن ھامىلدار ئاياللارغا ئۈزىنىڭ بەدەن ھالىتىنى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلىش ۋە ئۈزىنى ئاسراش لازىملىقى توغرىسىدا تەربىيە بىرىش، ئۇنىڭدىن قالسا ئۇلارغا مۇۋاپىق ئىتىبار بىرىپ، كىسەللىكلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئوبدان داۋالاپ ھەرخىل كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلىگەندە، ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق ۋە ئىلمى ئۇزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغاندا قورساقتىكى بالىنىڭ مۇۋاپىق ۋە ئىلمى ئۇزۇقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلغاندا قورساقتىكى بالىنىڭ نورمال ئۈسۈشنى تەمىنلەپ ساغلام ۋە بىجىرىم تۇغۇلۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بۇلىدۇ.
    ھامىلدا رئاياللار تۈۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كىرەك.
    1) روھى جەھەتتە ، ئۈزىنى خۇشال- خۇرام خاتىرجەم تۇتىشى ، كەڭ قورساق بۇلىشى، غەزەپلىنىش، خاپىلىق، غەم، ئەندىشە قورقۇشتىن ساقلىنىش كىرەك.
    2)شەخسى تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىققا  رىئايە قىلىشى، كەڭ- كۇشادە كىيىم كىيىشى، بىلىنى ۋە باشقا ئەزالىرىنى چىڭ باغلىمالسىقى، قورساقنى باسماسلىق كىرەك.
    3) ئۇرۇلۇش- سۇقۇلۇش، يېقىلىش، قىسىلىشتىن ساقلىنىشى، قاتتىق ۋاقىراشلاردىن ساقلىنىشى كىرەك.
    4) قان ئالدۇرۇش ۋە سۈرگە ئىچىشتىن ھېيز ماڭدۇرغۇچى نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەگەر ئىچى قېتىپ قالغان بولسا ئىچىنى يۇمشاتقۇچى يەڭگىل دورىلارنى ئىچىش، كۆكتات ۋە مىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كىرەك.
    5) داۋاملىق يىتىشىۋالماي، يەڭگىل ھەركەت ۋە يەڭگىل ئۆي ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىش كىرەك. بۇنداق قىلغاندا بەدەندىكى ئارتۇق ماددىلار تارقاپ، تۇغۇت ئاسان بۇلىدۇ.

     رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 

    6) ھامىلدارلىق مەزگىلدە، بۇلۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ئايلىرىدا جىنسى مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش لازىم.
    7) قىزىلمۇچ، قارىمۇچ، پىلپىل، لوبىيا قاتارلىق يەل پەيدا بۇلىدىغان ئۆتكۈر ۋە ئاچچىق، تەملىك ، غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلشىتىن ساقلىنىش، مەس قىلغۇچى بۇشاشتۇرغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىشتىنمۇ ساقلىنىش، يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى، مىجەزنى تەڭشىگۈچى دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بىرىش كىرەك.
    8) ئۇزۇقلۇنۇش جەھەتتە، يۇمشاق ۋە قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكلەرنى مەسىلەن: ئوبدان پىشقان بۇغداي نېنى، سۈت، تۇخۇم شورپىسى، ياش قوي گۈشى، ئوغلاق گۈشى، ئالما، بىھى، ئامۇت، ئانار، كىشمىش، بادام، خاسىڭ قاتارلىقلارنى ئىسىتمال قىلسا، خۇشپۇراق شەربەتلەرنى ئىچسە ، كۆكتات كۆپ سېلىنغان تاماقلارنى يىسەبۇلىدۇ. قورساقتىكى بالىنىڭ ئۇزۇقلىنىشى ئانىنىڭ بەدىنىگە كىرگەن ئۇزۇقلۇقنى كىندىك ئارقىلىق سۈمۈرۈش بىلەن تەمىنلىنىدىغان بولغاچقا ھامىلدارلىقنىڭ كىيىنكى ئايلىرىدا، بالىنىڭ چۇڭۇيىشىغا ئەگىشىپ ئانا بەدىنىنىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجى ئاشىدۇ. بۇنداق چاغدا تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك ۋە ھەرخىل ئۇزۇقلۇقلار بىلەن ئۇزۇقلىنىش بىلەن بىللە، بەدەن قۇۋۋەتلەيدىغان شەربەت دورىلارنىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ تۇرۇشنىڭمۇ پايدىسى بار.
    9) ھامىلە 9- ئايغا قەدەم قويغاندا ئانا ھەركۈنى ناشتىدا 9گىرام، بادام مېغىزى بىلەن چاي سۈتلەپ ئىچىش، كۈندە بىرقۇشۇقتىن كۇنجۇت يېغى ئىچىش لازىم. بۇ ئانا بەدىنىنى مۇۋاپىق قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماي بالىنىڭ تۇغۇلۇشنىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ.
    10) سىلىقلاشتۇرغۇچى ھۆللۈك كۆپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا شورپا ۋە ھۆل مىۋە چىۋىلەرنى ئازراق يىيش لازىم. سىلىقلارشتۇرغۇچى ھۆللۈكنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن سۈيدۈكنى ماڭدۇرۇش، ھەمەلچە قىلىش، تەرلىتىش چارىلىرى قوللۇنىلىدۇ. تەرلىتىش ۋە ھەمەلچە بىلەن مەسىلە ھەل بۇلىدىغان بولسا سۈيدۈك ھەيدەش ۋە ئىچىنى سۈردۈرۈش چارىلىرىنى قوللۇنۇش ھاجەتسىز.

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064
    250704869    280137398   
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 13139888848,15999163133
       
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ