ئەنگىلىيەنىڭ بىر چىش دوختۇرى يېقىندا ئالتە ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان 171بالىنى تاللاپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 90بالىغا ھەر كۈنى بىر دانە ئالما يىگۈزگەن. قالغانلىرىغا باشقا مېۋە-چېۋە بەرگەن. مۇشۇنداق ئالتە ئاي سىناپ كۆرگەندىن كېيىن ھەركۈنى ئالما يېگەن بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا ھېچقانداق ئاغرىق يۈز بەرمىگەن، يەنە بىر گورۇپپىدىكى ئالما يېمىگەن بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى كېسىلىگە، بولۇپمۇ چىش ئاغرىقى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى، ئالمىدىكى تالا ماددىسى چىش مىلىكىدىكى كىرلارنى تازلايدىغانلىقى ئۈچۈن ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى پاكىزلەش رولىنى ئوينايدىكەن.