ئىگىز پاشنىلىق ئاياق ئاياللارنى نازۇك ،ئىگىز قىلىپ كۆرسىتىدۇ ،بىراق ئىگىز پاشنىلىق ئاياق ئاياللارنىڭ پۇت ،تىز بۇغۇمى ۋە بەل ئۇمۇرتقىسىنى زەخمىلەندۇرىدۇ ،ۋە قايرىلىپ كېتىش خەۋىپىگە دۇچار قىلىدۇ .گەرچە ئاياللار بۇنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئىگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىدۇ .ئەگەر ئىگىز پاشنىلىق ئاياق چوڭ مېڭىنى زەخمىلەندۇرۇپ باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ دىسەك سىز بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز ؟
ئادەم يول ماڭغاندا ئۈچ تايىنىش نۇقتىسى يەنى ئالدىغا قەدەم ئالغان پۇتنىڭ تاپىنى ئىككى تايىنىش نۇقتىسىنى ئارقىدا قالغان پۇتنىڭ تاپىنى يەنە بىر تايىنىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۇرىدۇ .ئەگەر تۈز پاشنىلىق ئاياق كىيگەندە بۇ ئۈچ تايىنىش نۇقتىسى نورمال بۇلىدۇ .ئەمما ئىگىز پاشنىلىق ئاياق كىيگەندە پۇتنىڭ ئاستىدىكى تايىنىش نۇقتىسىدىن ئىككىسى ئېشىپ كېتىدۇ .ئاياقنىڭ پاشنىسى 8سانتىمىردىن 10سانتىمىتىرغىچە بولغاندا تاپان بىردىنبىر ئالدى تايىنىش نۇقتىسى بۇلۇپ قالىدۇ .
ئەگەر پۇت ئاستىدىكى تايىنىش نۇقتىسى ئازايسا يەر يۈزىنىڭ ئەكس تەسىر كۈچى بىر ياكى ئىككى قېتىم بىۋاستە تۇتىشىدۇ ،لېكىن ئۈچ تايىنىش نۇقتىسى چوڭ مېڭىگە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ .بۇ ئۇزاق مەزگىل ئىگىز پاشنىلىق ئاياق كىيگەن ئاياللارنىڭ باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بۇلۇشىنىڭ سەۋەبى .
