ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنى ئۇزاق مۇددەت كىيسىڭىز بەل ئۇمۇرىتقىسىغا زىيانلىق. بەلكىمم ئايالارنىڭ كۆپىنچىسى بۇلارنى بىلمەيدۇ،
مۇتەخەسىسنىڭ چۈشەندۈرىشىچە؛ ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندىن كىيىن پۇت ئارقىغا قايرىلىپ تېخىمۇ ئېگىز كۆرىنىدىكەن، بۇ ھەمدە ئاياللارنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ، فىگورىنى كۆتىرىپ قورساقنى يىغىشتىكى ئۈنۈملۈك چارىسى، بىراق ئادەم بەدىنى پەقەت ئالدى، ئارقا ئىككى يۆلىنىشلىك بۇلىدۇ ، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن تەڭپۇڭ ھالىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە بەدەننىڭ ئېغىرلىقى بەلگە چۈشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەل ئومۇرىتقىلىرى ، كىچىك بۇغۇملار ۋە بۇغۇم خالتىسى قاتارلىقلار جىددى ھالەتتە بۇلىدۇ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىۋەرسە بەل مۇسكۇلىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەل ئاغرىش كىلىپ چىقىدۇ.ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئۇزۇن مۇددەت كىيگەندە ئاخىرىدا بەل ئۇمۇرۇتقا تەخسىسى چىقىپ قېلىش ، سۆڭەك ئۆسۈش قاتارلىق كېسەللىكلەر كىلىپ چىقىدىكەن.
ساغلاملىق ۋە گۈزەللىككە تەڭ ئېتىبار بىرىش ئۈچۈن، كۆپىنچە قىزلار پاكار پاشنىلىق ئاياغ ۋە سۇ ئۆتمەيدىغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى تاللايدۇ، ئاندىن ئۇنچە بەكمۇ قىينىلىپ كەتمەيدۇ.
بىراق پاكار پاشنىلىق ئاياغ ياكى سۇ كىرىپ كىتىشتىن ساقلىنىدىغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە بەدەننىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتۋىتىدۇ،ئاسانلا پۇت قايرىلىپ كىتىدۇ، پاشنىسى قانچە ئېگىز بولسا يىقىلىپ چۈشۈپ يارلىنىش دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بۇلىدۇ. ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى ئالدىغا چۈشكەندە پۈتۈن ئېغىرلىق پۇتقا چۈشۈپ پۇتنىڭ سۆڭىكىگە بېسىم ئېلىپ كىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۇت سۆڭىكى توملىشىپ كىتىدۇ.