سېلىن بىرخىل زەھەر پەيدا قىلغۇچى ماددا، ئادەم بەدىنى بۇ خىل ماددا بولمىسا ،راك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسپىتى يۇقىرى بۇلىدۇ، بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسە ، مىكروپسىز يۇقۇملىنىش ۋە ئىچكى زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ گەرچە ئادەملەر ئۇنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش رولى بارلىقىنى بىلمىسىمۇ ،لىكىن ئۇنى تۇلۇقلاش ئۇسسۇلى ھەمدە ئۇنىڭ قايسى خىل ئۆسۈملۈك تەركىبىدە بارلىقىنى بىلمەي كەلگەنىدى، مانا ئەمدى سامساق تەركىبىدە سېلىن ماددىسىنىڭ كۆپلۈكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دېيىشتى؛ سامساق تەركىبىدىكى گۈڭگۈرۈت بىرىكمىلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئانتىبىيوتلىق رولى بار، ئۇ كۆپ خىل شارسىمان باكتىرىيە ،تاياقچە باكتىرىيە ، زەمبىرۇغ ۋە ۋىروس قاتارلىق كېسەللىك مەنبەلىرىگە زەربە بىرەلەيدۇ، ئامىرىكىلىق مۇتەخەسىسلەرمۇ سامساقنىڭ راكقا تاقابىل تۇرۇش يۇشۇرۇن كۈچى دۇنيادىكى ھەر قانداق ئۆسۈملۈكتىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، چۈنكى تەجىربىدە ئۇلا سامساقتا سېلىن ماددىسىنىڭ كۆپلىكىنى بايقىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا سامساقنى مۇۋاپىق مىقداردا دائىم يەپ بەرسە ، بەدەننى تازلاپ ،دېزىمفېكسىيە قىلىپ ئۇمۇمىي بەدەننىڭ ئىچكى ئېمۇنىت كۈچى ۋە مىكروبقا قارىشى تۇرۇشكۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئۈچەي، ئاشقازان، ۋە باشقا ئەزالاردىكى زەھەرنى قايتۇرۇپ ، توكسىننى ھەيدەپ ،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش،ئىشتاھانى ئېچىش ، قان ېسىمىنى تۇراقلاشتۇرۇش، رۇلىنى ئوينايدۇ. يەنە ئاشقازاننىڭ ئېنسولىن ئاجىرتىشىنى تېزلىتىپ ،تۇقۇلما ۋە ھۈجەيرىنىڭ گىلكوزىنى سۈمۈرۈلىشىگە شارائىت ھازىرلايدۇ، قاندىكى قەنىت مىقدارىنى تېز سۆرئەتتە تۆۋەنلىتىپ ، ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دىئابىت ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
