زۇكامداپ قالغاندا پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، پۇرچاق سۈتى ، تۇخۇم، بېلىق قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى يىيىش كېرەك . سۈت بەلغەم ھاسىل قىلىدۇ ، يەنە بەزىلەرنىڭ ئىچىنى سۈرىدۇ، شۇڭا زۇكامداپ قالغاندا سۈت ئىچىشكە بولمايدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا سۇيۇق يىمەكلىكلەر ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ، شۇڭا زۇكامداپ قالغاندا مىۋە ئورنىغا مىۋە شەربىتى ئىچىپ بەرسە ياخشى. گەرچە مىۋە شەربىتىدە يىمەكلىك تالالىرى كۆپ بولمىسىمۇ ، ئەمما ئاشقازان ،ئۈچەينىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىدۇ. شاپتۇل ۋە ئاپلىسىن شەربىتىدە ۋىتتامىن C مول ھەم تەمى چۈچۈمەل ئىشتاينى ئاچىدۇ.
