مۇتەخەسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى؛ ئەگەر يۈزىنىلا يۇيۇپ ياستۇق لۆڭگىسىنى يۇيمىغاندا ، نەتىجىدە يۈزنى يۇيمىغانغا باراۋەر . ياستۇق قېپىغا باشنىڭ كېپىكى ، كانا، زەمبىرۇغ ، باكتىرىيە چاچ ۋە تېرىدىكى ياغ بىلەن كىر چاپلىشىپ قالىدۇ، بىراق ئۇنىڭ يۈز بىلەن ئۇچىرىشىدىغان ۋاقتى يۈز لۈڭگىسى بىلەن يۈزنى سۈرىتكەن ۋاقىتتىن ئۇزاق بۇلىدۇ ،يۈزنىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، ياستۇق لۈڭگىسىنىڭ پاكىزلىقىغا سەل قاراش ، يۈز يۇيمىغانغا باراۋەر . تېرە تاشقى دۇنيانىڭ تاجاۋۇزىغا قارىشى تۇرىدىغان بىرىنچى سەپ ، ئۇ مىكرو جانلىقلار ۋە پارازىت قۇرۇتلارنى توسىدىغان توسۇق. ھەممەيلەن ئۇخلاشنىڭ ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرىدىغان ئالتۇن ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەگەر ياستۇق لۈڭگىسى پاكىز بولمىسا ،ۋىروسلارنىڭ ئىللىق دۇنياسىغا ئايلىنىدۇ.
