مەقئەت ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقى قانداق كېلىپ چىقىدۇ؟
يىرىڭلىق مەقئەت كاۋىكى ياللۇغىنى ئۆز ۋاقتىدا كونترول قىلمىغاندا، مەقئەت يولى ئىچىدىكى بېسىملار تەسىرىدىن ،ياللۇغ مەقئەت بېزىنى بويلاپ مەقئەت ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارغا كېڭىيىدۇ دە، مەقئەت ئەتراپى مۇسكۇل ئاراچلىرىدا ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ ۋە تېز سۈرەتتە كېڭىيىپ يەرلىك جايدا يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا قىلىدۇ. يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ بېكىنمىلىكى ۋە ئىچكى بېسىم تەسىرىدىن يىرىڭلىق ئاقما مۇسكۇل ئارقىلىق مۇسكۇل ئارالچىلىرى ئارقىلىق ئېقىپ، يوشۇرۇن مۇرەككەپ مەقئەت ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ تۈرلىرى:
1. ئولتۇرغۇچ سۆڭەك تۈز ئۈچەي ئويمىنى يىرىڭلىق ئىششىقى
2.داس سۆڭىكى تۈز ئۈچەي ئارالچىلىرى يىرىڭلىق ئىششىقى
3.مەقئەت كەينى يىرىڭلىق ئىششىقى
4.تۈز ئۈچەي ئايىقى يىرىڭلىق ئىششىقى
5.تېرە ئاستى يىرىڭلىق ئىششىق
6.تۈز ئۈچەي شىللىق پەردە ئاستى يىرىڭلىق ئىششىقى
يۇقارقى مەقئەت ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقىلىرى ئاساسەن، مەقئەت مۇسكۇلىنىڭ ئۈستىدە ۋە ئاستىدا كۆرىلىدىغان بولۇپ، بۇلار يەنە يۇقىرى ئورۇنلۇق يىرىڭلىق ئىششىق ۋە تۆۋەن ئورۇنلۇق يىرىڭلىق ئىششىق دەپ ئايرىلىدۇ.
يۇقىرى ئورۇنلۇق يىرىڭلىق ئىششىق بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى نىسبەتەن ئېغىر بولىدۇ، قىزىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەقئەت ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى:
1.مەقئەت ۋە مەقئەت ئەتراپى ئاغرىش، چىڭقىلىش؛
2.مەقئەت ئەتراپى ۋە تۈز ئۈچەي ئىچىدە ھۈررەكچە پەيدا بولۇش؛
3.قىزىتمىسى ئۆرلەش؛
مەقئەت ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقىغا دىئاگنور قويۇش:
تەكشۈرۈشتە ھۈررەكچىنىڭ ئورنى ۋە چوڭقۇرلىقىغا ئېنىق دىئاگنور قويغىلى بولىدۇ،تۈز ئۈچەينى B تىپلىق ئولترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئارقىلىق يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ ئورنى ۋە يىرىڭ مىقدارىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
مەقئەت ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقنى داۋالاش ئۇسسۇللىرى:
1.كونسېرۋاتىپلق داۋالاش ئۇسۇلى
دەسلەپكى باسقۇچىدىكى مەقئەت ئەتراپى قېتىشقان، ئىششىق پەيدا بولغان بىمارلارغا ماس كېلىدۇ. ئادەتتە سىرتتىن ئىختىئول مەلھىمى، جۇڭيىچە دورىدا يۇيۇش، دورىلىق ھورداققا چۈشۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالىنىدۇ، بىراق يارا ئېغىزى يىرىڭ ئالغان ھامان ئوپراتسىيە قىلىش زۆرۈر بولىدۇ.
2.ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئۇسۇلى
شۇ يەردە ئەسكەرتىشكە ئەرزىيدۇكى، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى(抗生素يەنى ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان 阿莫西林قاتارلىقلار) دەسلەپكى تاللاش قىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك ، چۈنكى ئانتىبىئوتىك دورىلارغا ئىشىنىپ ۋە يۆلىنىپ، ئوپېراتسىيىنىڭ زۆرۈرلۈكىگە سەل قاراپ، كېسەللىكىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى، قايتا قوزغىلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دە ، مۇرەككەپ مەقئەت ئاقمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.