يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە سەكتە: بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار شاپتۇل، بانان، ئاپېلىسىن قاتارلىق مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، نىلۇپەر ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
يۈرەك زەئىپلىشىش ۋە سۇلۇق ئىششىق: بۇ كىسەللىككە گىرىپتار بولغانلار تەركىبىدە كالىي مىقدارى مول ۋە سۇ تەركىبى ئاز بولغان ئالما قاتارلىق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىشى، سۇ تەركىبى بىر قەدەم كۆپ بولغان تاۋۇز، كوكۇس قاتارلىق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.

ئىچى سۈرۈش: ئىچى سۈرۈپ قالغانلار ئانار، ئالما، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىشى، بانان، شاپتۇل، ئامۇت قاتارلىق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
قىزىتما: قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغانلار تەركىبىدە كالىي مىقدارى مول ھەم سۇ تەركىبىمۇ بىر قەدەم كۆپ بولغان ئامۇت، ئاپېلىسىن قاتارلىق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
جىگەر ياللۇغى: بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇر قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئاپېلىسىن، چىلان قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
نەپەس يولى ياللۇغى: بۇ كىسەللىككە گىرىپتار بولغانلار بەلغەمنى بوشىتىپ، ئۆپكىنى ساغلاملاشتۇرۇدىغان ئامۇت، ئاپېلىسىن قاتارلىق مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
دىيابېت كېسىلى: بۇ كىسەللىككە گىرىپتار بولغانلار ئاشقازان ئاستا بېزى يۈكىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەركىبىدە قەنت مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان بانان، ئامۇت، تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
بۆرەك ياللۇغى: بۆرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئاپېلىسىن، بانان قاتارلىق تەركىبىدە كالىي بىر قەدەر مول بولغان مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىشى لازىم. بولمىسا بۆرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
زىققا كېسىلى: زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار چىلان ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى چىلان ئاسانلا بەلغەم پەيدا قىلىپ، قىزىتمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.