
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسى -"مېنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولۇم" تېمىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىش پائالىيىتى تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرىستېتىدا باشلاندى.
باشلىنىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ لوڭتېڭ شېڭشى ئىمپورت - ئېكىسپورت سودا شىركىتىنىڭ لىدىرى ئارزىگۈل قاتارلىق بەش مۇنەۋۋەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى كۆپچىلىككە ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىنى تۇنۇشتۇردى.

باشلىنىش مۇراسىمىغا، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
ئېگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى - ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى، بولۇپمۇ قىز سىتۇدېنتلارنى باتۇرلۇق بىلەن رېئاللىققا يۈزلىنىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇشىغا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئىلھام بېرىش مەقسەت قىلىنغان.