
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون، 13 - ئاپرېل تېلېگراممىسى: ئەنگلىيىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى يېقىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئاتا بىر، ئانا باشقا ئىنىسىنىڭ ئەنگلىيىگە كىرىش ئىلتىماسىنى رەت قىلدى، چۈنكى ئۇ ئەنگلىيىدە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايىتى سادىر قىلغانىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇلتۇر نويابىردا ئەنگلىيىدە قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان 41 ياشلىق سامسون قەھۋەخانىدا ئىش چىقىرىپ ئەيىبلەنگەنىكەن. شۇ چاغدا ئۇ بىر توپ قىزنى قەھۋەخانىغا باشلاپ كىرىپ، بىر قىزغا ئاشكارا جىنىسىي پاراكەندىچىلىك سالغان، جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان قىز ئاران 13 ياشقا كىرگەنىكەن.