مەن ئاشۇ چاغلاردا مەن ئاتا قىلغان خوشاللىقلار ئۈچۈن« سىنى بىر ئۆمۈر بەخىتلىك قىلىمەن ، كۆڭلۈڭگە ئازار بەرمەيمەن » دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىڭ «كىيىنىكى ھايات سەپىرىمىزدە ھەممە ئىش سەن دىگەندەك بولىدۇ مەن سەن ئۈچۈن ھەممىگە تەييار » دىگەن ئىدىڭ ھالبۇكى سەن بۇلارنى ئۇنتۇپ كەتتىڭ ،پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتىڭ! شۇ ئازغىنە ياخشى كۆرۈشۈڭ بىلەن مىنى ئۆزۈمنىڭ قىلىۋېلىشقا ھەققىم بار ئۇ مەن ئۈچۈن ياششى ،مەندىن باشقىنى ئويلىماسلىقى كېرەك دىگەن شەخسىيەتچى ئىدىيەڭ بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتتىڭ. ئېيتىقىنا ! نىمە ئۈچۈن ئۇنتۇپ كەتتىڭ؟ئەركىشى بولغانلىقىڭ ئۈچۈنمۇ ؟ ۋاپاسىز بولغانلىقىڭ ئۈچۈنمۇ ؟ مىنى تاشلاپ ھاياتلىق مۇساپىسىدە تەنھا كىتىۋاتقان ئاشۇ مىنۇتلاردا سەن ئۇنتۇپ كەتكەن ئاشۇ شىرىن دەقىقىلەرنىڭ كۆزگەكۆرۈنمەس كۆلەڭگىلىرى يۈرەك - باغرىڭنى چىمداپ ئۆتمىدىمۇ ؟....ئەجىبا ئەقلىنى لال قىلالىغۇدەك ئاشۇ چىرايلىق ۋەدىلەرنىڭ ھەممىسنى بىزنىڭ بىر قانچە يىللق كۆڭۈلسىز مۇھەببىتىمىز يەر ئاستىغا مەڭگۈلۈك دەپنە قىلىۋەتتىمۇ؟
سەن دائىم « ئىختىيار قىلىش ھوقۇقى سىزدە ،سىزنى نۇرغۇن نەرسىلەرنى قۇربان قىلسۇن دىيەلمەيمەن ئۇنداق دىيىشكە ھەممىممۇ يوق» دەيتىڭ سىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەر دىگىنىڭ نىمە بولغىيتى؟ئىھتىمال پاك سۆيگۈ، شىرىن ئارزۇ ئىستەك ، ئاززۇ -ئارمانلىرىممىدۇ؟
ئەجىبا مەن قۇربان قىلغان شۇ مىنۇتلاردا سەن بۇنى خىيالىڭغا كەلتۇرۇپمۇ قويمىغانسەن؟
ھازىر مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلدىم .كۆڭلۈمدە قالغىنى پەقەت بىچارە ،كۈلكىلك، ئەخمىقانە سۆيگۈمنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىك ئەسلىمىسى ، ئالدانغان سۆيگۈنىڭ ھەسرەتلىك نالىسى ، يەتگە چۈشۈپ چېقىلىپ پارە -پارە بولۇپ كەتكەن جانان چىنىنىڭ چېقىلغاندىكى كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئاۋازىلا خالاس.
سەن بىلەن قانغۇچە مۇڭدىشىۋېلىشىم ،
سۈرەتكە چۈشۈۋېلىشىم ،ئۆتكەن كۈنلىرىمىز خاتىرىسىنى بىرلىكتە ۋاراقلىشىم ،خاپىلىققا ، دەرىت- پىراققا تولغان كۈنلىرىمىزنى قايتىدىن باشلىشىمىزمۇمكىن ئىدى. لىكىن بۇنداق ئۆتىۋېىرىشتىن زىرىكتۇق . بۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىشىنى ئەۋزەل كۆردۇق .سەن مىنىڭ يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىمنى تولا كۆرۈپ ،گەپلىرىمنى تولا ئاڭلاپ زىرىكتىڭ ،سەندىن ئورۇنسىز رەنجىشلىرىمدىن ، تولا سۆزلىشىمدىن بىزار بولدۇڭ يىغلاپ تۇرۇپ ساڭا دىگەن گەپلىرىمنى ئاڭلاشنى خالىمىدىڭ.
مەن بولسام سەن تېپىپ بەرگەن بىر تالاي سۆز - چۆچەكلەردىن جاق تويدۇم
ھەر ئىككىمىزگە ئايرىلىپ كىتىشتىن باشقا يول يوق ئىدى ئاخىرى ئايرىلىپ كەتتۇق بىراق بۇ نەقەدەر ئازاپلىق ئىش ھە؟
مۇناسىۋىتىمىزگە ئاللىقاچان دەز كەتكەن ئارىمىزدا ئادەمنى تويغۇزىىتىدىغان جەڭگى - جىدەللەرنىڭ بولۇپ ئۆتۈشىگە قارىماي بىز يەنە ئۆي تۇتىۋەردۇق . چۈنكى ھەر ئىككىمىز بىر -بىرىمىزنى ياخشى كۆرەتتۇق .
مەن سىنى ماڭ كۆيۈنىدۇ ، يار-يۆلەك بولىدۇ ، بېشىمغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىدۇ دەپ ئويلىغان ئەمما سەن ماڭا قانچىلىك غەمخورلۇق قىلالىدىڭ؟
ئاشۇ رەھمسىز يىللار ماڭا تالاي دىشۋارچىلىقلارنى ، تالاي بەختسىزلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسمۇ ، يۈرىكىمدىكى تەلپۈنۈشنى ، يۈكسەك ئارمانلىرىمنى يوق قىلىۋىتىشكە قادىر بولالمىغان، جاسارەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ۋۇجۇدۇمدىكى غۇرۇرنى ،شىجائەتنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىتالمىغان ئىدى . ئەكسىچە مىنىڭ تۇرمۇشنى ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن چۈشىنىشمگە ، ھاياتنى سۆيۈشۈمگە ۋاقىتنى قەدىرلەپ ئالغا بېسىشىمغا يول ئېچىپ بەرگەن ئىدى . بىراق سەن ماڭا ماسلىشالمىدىڭ ، مىنى قوللىيالمىدىڭ . مىنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلماقچى بولدۇڭ . سىنىڭ ئاتالمىش يىغىنلىرىڭ ، كەچكى زىياپەتلىرىڭ ، ئاللىقانداق باھانە - سەۋەپلەر بىلەن كىچىلەپ ئۆيگە قايىتماسلىقىڭ ، كۆڭلۈمنى قاتتق ئازاپلىدى . ئەجىبا مەن سەن سېتىۋالغان قۇلمۇ ؟ ساڭا ھەر قانداق چاغدا ئوچۇق چىراي ئېچىپ سىنى قارشى ئېلىشىم ،كۈتۈشۈم ، يۈرىكىم يىغلاپ تۇرسىمۇ ئالدىڭدا كۈلۈپ تۇرۇشۇم كېرەكمۇ ؟ مىنىڭمۇ ساڭا ئوخشاش سىرىتقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشش، خىزمەت قىلىش ھوقۇقۇم ،ئارزۇ - ئارمانلىرىم يوقمۇ ؟ بولدى بەس !! مەن ھاردىم ،چارچىدىم......
يۈرىگىم تۈگىدى . مەندە ئەمدى ھىچنەرسە قالمىدى ..
سەن كەتكىن ! پۈتكۈل ئازاپلىرىمنى ئېلىپ يىراقلارغا كەتكىن!!!