
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش "مەكتەپ ئۇچۇر ئەلچىسى لوڭقىسى"ئاپتونوم رايون بويىچە 2- نۆۋەتلىك" ۋەتەننى سۆيۈش، يۇرتىنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەش" تېمىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ "قوش تىللىق" نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى4-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي باشلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىنجان تۇراخۇن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:"بۇ قېتىمقى مۇسابىقە_ ئاپتونوم رايون 2006-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك "قوش تىللىق" نوتۇق سۆزلەش
مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئويۇشتۇرغان 2-نۆۋەتلىك مۇسابىقە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ "قوش تىللىق" نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ بىر ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىمىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ھەمدە"قوش تىللىق" نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى __ "قوش تىل" ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەشۋىق قىلىش، ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئالاھىدە ھەم مۇھىم تەدبىر شۇنداقلا ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار، مەكتەپلەر، ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا _ ئانىلار يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلغان، قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىدىغان، قوش تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈدىغان سۇپىغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.بىز بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى رەھبەرلەر، مائارىپ سېستىمىسى شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تارىخىي رولىغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، "قوش تىل" ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەت ئاممسىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ھەر مىللەت خەلق ئاممسىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك".